
ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كارولىن بارسولومېۋ (Carolyn Bartholomew) يىغىندا، كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئىشلىرىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنى خالىسا، ئۇ چاغدا ئۇلار چوقۇم كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
" ھازىرقىدەك، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر كۈچىنىڭ بارىچە، كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىغا چېتىلىپ قالغان ھەر قانداق خادىم، سودا ۋە ئىنتېرنېت تورلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي شىركەتلىرى كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلارنى، ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە ھەدەپ ئېكىسپورت قىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا خىتاينىڭ مەخسۇس ئىنتېرنېت تورىنى كۈزىتىدىغان 30 مىڭدىن ئوشۇق خادىمى بار تۇرۇقلۇق، ھۆكۈمەتنىڭ قورال سېتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بۇ بىر نەچچە شىركەتنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ شىركەت باشلىقلىرىنىڭ دائىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار".
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىنى كۆپ قېتىم جازالىغان
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال-ياراقلارنى كونترول قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى ستىۋىن رېيدمېيكېر (Stephen G. Rademaker) ، خىتايدىكى قورال سېتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"خىتاينىڭ شىمالىي سانائەت شىركىتى ئىرانغا ئاكتىپلىق بىلەن كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى ئېكىسپورت قىلىۋاتىدۇ. بۇ شىركەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 5 قېتىم جازالانغان. شۇنداقلا بىز يەنە، خىتاينىڭ نازۇك مېخانىزىم ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتى ۋە زىبو خىمىيە-سانائەت شىركەتلىرىنىڭ قوراللارنى تارقىتىش ھەرىكىتىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتلەرگە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. بۇ بىزنىڭ، خىتاينى ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ".
قورال تارقىتىش بىلەن شوغۇللۇنىۋاتقان باش شىركەتلەر يەنىلا خىتايدا
ۋاشىنگتوندىكى ۋىسكانسېن يادرو-قوراللىرىنى كونترول قىلىش پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى گەرىي مىلخولىن (Gary Milhollin) يىغىندا ئۆزگىچە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە جازا قوللىنىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ پەقەت كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى تارقىتىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تارماق شىركەتلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا باش شىركەتلەر خىتايدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە سودا ئالاقىسى بولمىغاچقا، ئامېرىكا تارماق شىركەتلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان جازانىڭ ھېچقانچە چوڭ ئۈنۈمى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
خىتاينىڭ شىمالىي سانائەت شىركىتى ئىرانغا ئاكتىپلىق بىلەن كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى ئېكىسپورت قىلىۋاتىدۇ.
"خىتاينىڭ شىمالىي سانائەت شىركىتى، خىتاينىڭ شىمالىي سانائەت گورۇھىغا قاراشلىق. ئەمما بۇ گورۇھ ئەزەلدىن جازاغا تارتىلىپ باققىنى يوق. بۇ گورۇھنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە 8 تارماق شىركىتى بار. ئەگەر بىز بۇ شىمالىي سانائەت گورۇھىغا جازا بەرسەك، ئۇ چاغدا بۇنىڭ قاتارىدا خىتايدىكى نۇرغۇن تارماق شىركەتلەرمۇ جازالىنىدۇ".
مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا يەنە، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو كىرىزىسىدىكى رولى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا پېنسېلۋېينىيا شىتاتىنىڭ دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كېرت ۋېلدون ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىدىكى رولىنىڭ چوڭلىقىنى ھەمدە كورىيە ئارىلىنىڭ يادروسىزلىشىشىمۇ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا ۋەكىللىرى ھەر قېتىم شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن خىتايغا بارغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دائىم تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ تۇرىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى تەسىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالدىرىماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
جوسېف: خىتاي كورىيىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتا ئېلىپ كېلىشى كېرەك
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 6 دۆلەت سۆھبىتىگە قاتناشقان ئالاھىدە ۋەكىلى جوسېف دېترانى (Joseph De Trani) مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ 6 دۆلەت سۆھبىتىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"6 دۆلەت سۆھبىتى ھازىر ھالقىلىق پەيتكە كەلدى. خىتاي بۇ سۆھبەتنىڭ ساھىپخانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىمالىي كورىيىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتا ئېلىپ كېلىشى شۇنداقلا كورىيە ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئورتاق نىشانىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك".
ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رولى
بۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكا مىراس فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى بالبىنا خۋاڭ (Balbina Hwang) باشقىچە قاراشتا بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىدىكى تەسىرىگە ئۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەستىن، جەنۇبىي كورىيە بىلەن ياپونىيىنىڭ بۇ يەردىكى ئىقتىسادىي تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ياۋروپا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىنى ئويۇشتۇرغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى 2000 - يىلى ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورون ئاساسلىقى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۆزىتىدۇ ھەمدە دۆلەت مەجلىسىگە ھەر يىلى بۇ ھەقتە دوكلات سۇنىدۇ. شۇنداقلا بۇ كومىتېت، كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشى، ئىقتىسادىي ئىسلاھات، ئېنېرگىيە ۋە خىتاينىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللىقى قاتارلىق 9 تۈردە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. (پەرىدە)