كانادا قوش دۆلەت پۇقرالىقى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلاشماقتا

0:00 / 0:00

كانادا قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، لېكىن بۇ سىياسەت يېقىنقى يىللاردىن بەرى كانادا ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرنى تۇغدۇرماقتا ۋە بەزى ئاۋاچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا كانادادا قوش دۆلەت پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە قالدۇرۇلماسلىق مەسىلىسى مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.

بۇ مۇنازىرە بۇ يىل ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئىسرائىلىيە - لىۋان توقۇنۇشى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. چۈنكى ئۇرۇش مەزگىلىدە كانادا ھۆكۈمىتى لىۋاندا تۇرىۋاتقان 50 مىڭدىن ئوشۇق كانادا پۇقراسىنى كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىران، سۈرىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەردىن كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، كانادا پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن يەنىلا ئۆز پۇقرايىمىز دەپ قارىلىپ، بۇ دۆلەتلەردە تۇرمىلارغا تاشلىنىشى ۋە قىيىن قىستاقلارغا ئۇچرىشى قاتارلىقلار كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ سىياسەت ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندىگەن سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرىدۇر.

كانادا قوش دۆلەت پۇقرالىقى تۈزۈمى ھەققىدە ئويلانماقتا

كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى Monte Solberg كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقى تۈزۈمىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرىدىغانلىقى ۋە بۇ مەسىلە ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بەزى كانادا پۇقرالىرى كانادانى بېشىغا كۈن چۈشكەندە پاناھلىنىدىغان ماكان قىلىۋالماسلىقى كېرەك. ئۇزۇن يىللاردىن بەرى چەتئەللەردە تۇرىۋاتقان كانادالىقلار كاناداغا قانچىلىك سادىق، ئەگەر ئۇزۇن يىل چەتئەلدە تۇرغانلار كاناداغا باج تاپشۇرمىسا، ئۇلار يەنىلا كانادانىڭ دۆلەت پاراۋانلىقلىرىدىن باشقىلارغا ئوخشاش بەھرىمەن بولسا، بۇ بارلىق كانادالىقلار ئۈچۈن ئادىللىق بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى باشقىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىشى كېرەك"، دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقىدىن پات ئارىدا ۋاز كېچىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ باھالانماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ئەگەر قوش دۆلەت پۇقرالىقى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، بۇ خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت بولىدىكەن چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوش دۆلەت پۇقرالىقى سالاھىيىتى بىلەن ياشايدىكەن. ئۇلار ئىككى دۆلەتتىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

خىتاي دائىرلىرى ئۆز قانۇنىدا قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى چەكلەيدىغان بولسىمۇ، ئامما خىتايلارنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىق سالاھىيىتىگە كۆز يۇمىدىكەن. شۇڭا خىتايلار كانادا ھۆكۈمىتىنى كۆزى كىچىكلىك قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىمەكتە.

كانادا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ كاڭچىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىشى، كانادانىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن. ئۇ "كانادا ھۆكۈمىتى، كانادا ياشاۋاتقان ياكى خىتايدا تۇرىۋاتقانلارنىڭ ئوخشاشلا كاناداغا باج تاپشۇرىدىغان يېڭى سىياسەتلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىشى كېرەك. يەڭگىللىك بىلەن قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاقىلانىلىق ئەمەس"، دەيدۇ.

ئابلەت نۇر: سىياسى پانالىق تىگەنلەرنىڭ خىتايدىن يەنە پاسپورت تەلەپ قىلىشى كىشىدە گۇمان قوزغايدۇ

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىشىغا كانادادىكى ئۇيغۇرلار قانداق قارايدۇ؟ كانادادىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى ئابلەت نۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ:

"مېنىڭچە كانادانىڭ قوش دۆلەت ۋەتەنداشلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولىشى ياخشى. نۇرغۇن ئادەملەر ئىككى دۆلەتنىڭ ۋەتەنداشلىقىدىن پايدىلىنىدۇ، بولۇپمۇ خىتاي جاسۇسلىرىمۇ بۇ سالاھىيەتتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. بۇ كانادا تەرەپتىن بايقالسا خىتايغا قاچىدىغان، خىتاي تەرەپتىن بېسىمغا ئۇچرىسا كاناداغا يۈگرەيدىغان ساداقەتسىز ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى. ساداقەتمەن ۋە كاناداغا سادىق ئادەملەر ئۈچۈن بىر دۆلەت ۋەتەنداشلىقى كۇپايە. ئۇلار كاناداغا كەلگەندە، خىتاينىڭ بېسىمىغا ۋە ئۇنىڭ سىياسى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر شۇ دېگەنلىرى راست بولىدىغان بولسا، خىتاي پاسپورتىنى نىمە ئۈچۈن ئالىدۇ. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىكتاتور دۆلەت ۋە تېررورىست ھەرىكەتلەرنىڭ مەنبەسى. شۇنداق ئىكەن ئۇنىڭ خىتاي پۇقرالىقىنى ساقلاپ قېلىشى، ‘مەن ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرىمەن، كانادانى ياخشى كۆرىمەن’، دەپ كاناداغا بەرگەن ۋەدىسىگە زىت كانادانىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق"، دەيدۇ.

خىتاينىڭ قانۇنىدا قوش دۆلەت پۇقرالىقى رەت قىلىنىدۇ، ئامما خىتاي دائىرلىرى كانادا پۇقراسى بولغان ھۆسەيىن جېلىلنى ئۈنتىنسىز تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرماقتا ۋە ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى رەت قىلماقتا. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىشىنىڭ ئۆزىلا بۇنداق مەسىلىلەرگە خاتىمە بېرىلىشتىن دېرەك بېرەمدۇ ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قانداق قوغدىشى كېرەك ؟

ئابلەت نۇر: خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جەلىل مەسىلىسىدە كانادانىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقى سىياسىتىنى سۈيىستىمال قىلماقتا

سىياسى پائالىيەتچى ئابلەت نۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: خىتاي قانۇنىدا ئىككىنچى بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر خىتاي پۇقرالىقىدىن ئاپتوماتىك ھالدا چىقىرىلىپ تاشلىنىدۇ، دېيىلىدۇ. ئەگەر كانادا ھۆكۈمىتى قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولسا، ھۆسەيىن جېلىل كانادانىڭلا پۇقراسى بولغان، كانادانىڭ قانۇنى بويىچە ئۇ، ئاپتوماتىك ھالدا خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىپ كەتكەن بولاتتى. ھازىر خىتاي تەرەپ قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان تۇرۇپ، كانادانىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، سېنىڭ قانۇنىڭ بويىچە، ھۆسەيىن جېلىل قوش دۆلەت پۇقراسى-ھەم كانادا پۇقراسى ھەم خىتاي پۇقراسى ياكى بىز ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمايمىز، ئۇ پەقەت خىتاي پۇقراسى، دېگەندە چىڭ تۇرماقتا. شۇنداقلا كانادانىڭ قوش دۆلەت تۈزۈمىنى سۈيئىستىمال قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارلارغا بۇنداق سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقان شارائىتتا سىياسى پانالىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي، خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتلەرگە بارماسلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ قىلتىقىغا چۈشمەسلىكى كېرەك"، دەيدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا كانادادا قوش دۆلەت پۇقرالىقى سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان 4 مىليوندىن ئوشۇق ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ يېرىم مىليونى چەتئەلدە ياشايدىكەن. كاناداغا باج تاپشۇرمىغان بۇ كىشىلەر يەنىلا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك پاراۋانلىق سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.