خىتاي تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى باشلانغان ھامان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا كىرىشكەن


2006.08.28

‏-‏ بىز 13 ‏- ئەسىردە ئىتالىيىلىك ساياھەتچى ماركوپولو ئارقىلىق قەشقەرنى بىلگەن ئىدىق. شۇنىڭدىن بۇيان تا يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا بولغانغا قەدەر، بىز قەشقەرنى ئۇخلاۋاتقان قەدىمى شەھەر دەپ قارايتتۇق. ‏- دەپ بايان قىلىنىشقا باشلايدۇ ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى' نىڭ 2006 ‏- يىل 28 ‏- ئاۋغۇست سانىدا بېسىلغان "خىتاينىڭ غەربىدىكى رايونلارغا كەلگەن قوش پۇرسەت" دېگەن ماقالىدا. ئاپتور لېي دوننىڭ بايان قىلىشىچە، ‏‏‏- بۇ چېگرا رايون ھازىر ئۇنداق جاي ئەمەس. ھازىر بۇ رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى يىراق شەرقتىن كۆچۈرۈپ كەلگەن كۆچمەنلەر يەرلىكنىڭ نېفىت ، پاختا، كۆمۈرىنى سېتىپ باي بولۇپ كەتتى. خىتاي مەبلەغ سېلىپ ياساپ چىققان يېڭى تاشيوللار، خەلقئارالىق ئايرىدۇروملار بۇ رايونغا، خىتاينىڭ ئەرزان مېلىغا كۆز تىككەن پاكىستانلىقلارنىمۇ غەرب تەرەپتىن مىڭلاپ-تۈمەنلەپ باشلاپ كەلدى. بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، ‏‏- دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ ماقالىدا، ‏‏-‏- 'نېفىتكە تېخى تويمىغان' خىتاي سالغان مەبلەغ بىلەن ياساپ چىقىلغان 600 كىلومېترلىق تۇرۇبا ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ نېفىتىمۇ بۇ رايونغا ئېقىپ كىردى. خىتاي بۇ رايوندا يەنە قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق باشقا خوشنا دۆلەتلەرمۇ بىلەنمۇ تىجارەت قىلىش جەھەتتە يېڭى رېكورد ياراتتى.

خىتاي شىنجاڭدا بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇردى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ‏‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ "خىتاينىڭ غەربىدىكى رايونلارغا كەلگەن قوش پۇرسەت" دېگەن ماقالىدا، ‏‏- خىتاينىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلىرىنىڭ تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي بۇ رايونغىلا ئەمەس، ھەتتا نوپۇسىنىڭ ئېتنىك تەركىبى خىتايدىن تامامەن ئۆزگىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ ئېقىپ كىردى. ‏‏- خىتاينىڭ بۇ رايوندا قىلغىنى خۇددى ئامېرىكا 1800 ‏-يىللاردا غەربنى ئاچقاندا قوللانغان شەكىلگە ئوخشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى كىرىش بىلەن تەڭ مىڭلىغان ، تۈمەنلىگەن خىتاي پۇقرالىرى بۇ رايونغا ئېقىپ كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلۇشۇپ، نەق پۇل تېپىشقا كىرىشتى. خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇلاھىزىچىلىرى ئېيتقاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تىبەتكە قارىتا قاتتىق نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئەمما نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بولغان شىنجاڭدا قارىتا بولسا ھەربىي كۈچ بىلەن قاتتىق باستۇرۇدىغان ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان ۋاستە قوللىنىپ مۇقىم ھالەت يارىتىپ تۇرماقتا. ئەمما شېنجېنلىق ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلۈكتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، خىتايدا بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە 87 مىڭ قېتىم قارشىلىق ھەرىكەت يۈز بەردى، ئەمەلىيەتتە خىتاي سىياسىي جەھەتتە ناھايىتى 'ئېغىر زۇكام'غا گىرىپتار. ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئامېرىكا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا 'تېررورچى' دەپ نام قويۇپ، دەرھال ئۇلارنى قوراللىق باستۇرۇشقا كىرىشتى، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كۆپ جەھەتتىن قاتتىق چەكلەپ كېلىۋاتىدۇ.

ھەر كۈنى چەتئەلدىن مىڭلىغان ئادەم كېلىپ مال ئېلىپ كېتىدىغان بازار ھازىر جېجاڭ ئۆلكىسىدە ئەمەس ئۇيغۇر رايونىدا

شېنجېنلىق ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ‏‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ "خىتاينىڭ غەربىدىكى رايونلارغا كەلگەن قوش پۇرسەت" دېگەن ماقالىدا، ‏‏- 1998 ‏- يىلى مەن قەشقەرنى كۆرگەندە، ھەر كۈنى 3000 ئادەم چەتئەلدىن كېلىپ مال ئېلىپ كېتىدىغان بىر بازار خىتاينىڭ جېجاڭ ئۆلكىسىدە ئىدى، ھازىر بۇنداق بازار بۇ رايوندا. پاكىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان، قىرغىزستانلىقلار ئۇيغۇر رايونىدىلا مال ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ جاي ھازىر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىدىغان كۆۋرۈكى بولۇپ قالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا كۆچمەن ئەكەلمىدۇق دېگىنى يالغان

'لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى' دە بېسىلغان "خىتاينىڭ غەربىدىكى رايونلارغا كەلگەن قوش پۇرسەت" دېگەن ماقالىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىنغان، ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، شىنجاڭ خىتاي زېمىنىنىڭ 6 دىن بىر ىنى تەشكىل قىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر رايون. ئامېرىكىدىكى شتاتلارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ كۆلىمى ئاساسكا شتاتىغا تەڭ. شىنجاڭنىڭ ئىقلىمىنىڭ ھەر خىل بولىدىغانلىقى خۇددى كالىفورنىيە شىتاتىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چۆل -جەزىرىمۇ بار، تاغ ياكى قۇملۇقلارمۇ بار. بۇ رايوندىن مول نېفىت ، كۆمۈر چىقىدۇلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەرخىل مېۋە مەھسۇلاتلىرىمۇ ناھايىتى مول. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ رايونغا كۆچمەن ئەكەلمىدۇق دەۋاتسدىمۇ، ‏‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ مەزكۇر ماقالىدا، ‏‏‏-ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە شىنجاڭغا ئاللىقاچان يەرلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتقان جېجاڭلىقلارنىڭ سانىلا 180 مىلدىن ئاشىدۇ. بۇ بىر پاكىت. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.