ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل سىنىپلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيتىلمەكتە
2006.08.18
ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ مۇشۇ ئالتە يىل جەريانىدىلا قوش تىل سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى 50 ھەسسە كۆپەيگەن.
قوش تىل مائارىپى يېزىلارغىچە ئومۇملاشتۇرۇلماقتا
ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قوش تىل تەجرىبە سىنىپى 1995 - يىلى تەجرىبە ئوتتۇرىدا سىناق تەرىقىدە ئېچىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپ شەكلىدىكى قوش تىل سىنىپى ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر بىر شەھەر، ناھىيە يېزا - كەنتلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇلماقتا. ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش 2000 - يىلى باشلانغان بولسا، ھازىر بۇ خىلدىكى بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپلەر سانى 707 گە يەتكەن. قەشقەر شەھەرلىك 10 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغۇچىلار سانى يۈزدىن ئاشىدىكەن. ئوتتۇرا ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنىۋاتقان قوش تىل سىنىپلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيتىلمەكتە. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 2004 - يىلى 946 قوش تىل سىنىپلىرى ئېچىلغان بولسا، بىر يىلدىن كېيىن يەنى 2005 - يىلى 3460 قا يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بويىچە مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلمەكچى. يەنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپ ئېلىپ بارىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپلەر قالمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى "دەسلەپ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىش ئالدىدىكى تەييارلىق سىنىپ ھەمدە باغچا مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۆزلىكىدىن ئىشقا ئاشىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تەييارلىق سىنىپ ۋە باغچا مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، كېيىنكى بەش يىلدا بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى 430 مىليون يۈئەن مەبلەغ ئاجرىتىپ خىتايچە ئوقۇتقۇچىلار سىپىنى كۈچەيتىدىكەن. بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا قوش تىللىق تەييارلىق سىنىپ ھەمدە قوش تىللىق باغچىلىرىغا 52 مىڭغا يېقىن بالىلار قوبۇل قىلىنغان. كېيىنكى تۆت يىلدا بۇ خىل سىنىپلارغا 258 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان. يەنى - 2010 يىلىغا بارغاندا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان سەبىيلەرنىڭ قوش تىل تەييارلىق سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىش نىسبىتى 85% كە يەتكۈزۈلىدىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى بارغانچە خىتايلاشتۇرىشى شۇنداقلا قوش تىل مائارىپى نامىدىكى سىياسەتلىرىنى بارغانچە تېز ھەم كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى خىتايچىدا ياكى قوش تىل سىنىپلىرىدا ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ خىتايچە مائارىپنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تىل، مەدەنىيەت قوبۇل قىلىشى بىلەن پىسخىكىسىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقى ئاتا- ئانىلارنى ئەندىشىگە سالغان.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لىچۈئەن ئىلگىرى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە" ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى ھازىرغا پەن تېخنىكا تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەيدۇ" دېگەندەك ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن سەپسەتىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۈشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەمدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ئاشۇرماقتا، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى "ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان "ھەرىكەت دەپ ئەيىبلىمەكتە.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ھەققىدىكى ھەقسىز لىنىيە سۆھبىتى
- ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولماقتا
- نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېغىن ھەققىدە رابىيە قادىر بىلەن سۆھبەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى سەبىيلەرگە خىتاي تىلى مائارىپىنى كۈچەيتمەكتە
- HSK ئىمتىھانى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا(2)
- HSK ئىمتىھانى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا(1)
- ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇتۇش قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ
- ئۇيغۇر مىللىتى ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىۋاتىدۇ(2)
- ئۇيغۇر مىللىتى ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىۋاتىدۇ(1)
- چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىنى تەنقىد قىلماقتا