خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتمەكچى


2006.11.08

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى يىلدىن - يىلغا زورايتماقتا. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، كېلەر يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 5000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، 2010 - يىلىغا بارغاندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن: "ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2000 ‏- يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭ قاتارلىق 25 چوڭ شەھەردىكى 35 نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" نى تەسىس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ خىزمەتلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاپ تۇردى. مالىيە قىيىنچىلىقى شارائىتىدا 70 مىليون يۈئەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتتى. 2004 ‏- ۋە 2005 ‏- يىللىرى 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، شۇ جايلاردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 85 % ئوقۇغۇچى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى. تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 90 % كە يەتتى".

خەۋەردە يەنە، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارغا 3990 ئوقۇغۇچى قىلىنغان بولۇپ، سىنىپ تەسىس قىلىنغان شەھەر 26 گە، سىنىپ تەسىس قىلىنغان مەكتەپ 45 يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر ئوقۇتۇش مائارىپىغا قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقلىرىغا قارىماستىن، بۇ خىل ئوقۇتۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە بۇرۇنقىدىن ھەسسىلەپ كۆپەيتىش توغرىسىدا لايىھە ۋە پىلانلارنى تۈزمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى دەل ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇتۇش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ تەپ - تارتماستىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوچۇق - ئاشكارا ئاسمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.