خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز مىللىتىگە قانداق مەنپەئەت ۋە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
2006.11.20
خىتاي ھۆكۈمىتى، 1998 - يىلى "خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى" دېگەن شۇئار ئاستىدا، ھەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئەلا دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن.
ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە 12 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىسى خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلىنىپ چىققان ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغاندەك "خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى" ياكى "شىجاڭ بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ دوستلۇق ئورنىتىش" پىلانى، "ئەلا نەتىجىلىك ئوقۇغۇچىلارنى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش" دېگەنگە ئوخشاش پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، ياخشى ئوقۇغان، نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇتماقتا.
بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇتۇشنى خالىماي، ئۇلارنى ئوقۇشقا ئەۋەتمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا كۆپلىگەن ئاتا - ئانىلار ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىگە ماسلىشىپ، بولۇپمۇ قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى شۇنىڭدەك خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، بالىلىرىنىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىپ، بىر كىشىلىك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇتۇپلا قالماستىن، باشلانغۇچ مەكتەپنى يېڭى تۈگەتكەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى، ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى تېخى يېتىلدۈرمىگەن مەكتەپ بالىلىرىنى "شىنجاڭ سىنىپى" نامىدا خىتاي شەھەرلىرىدە 20دىن ئارتۇق سىنىپ تەسىس قىلىپ، خىتاي مائارىپى بۇيىچە تەربىيىلىمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مائارىپ تۈزۈمى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
1988 - يىلى غۇلجا 7 - ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئەلا پۈتتۈرۈپ،، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خۇئادۇڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈزەل خانىم خىتاي ئۆلكىسىدە بىرلىكتە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار مىللىي مائارىپتا جىددىي خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتمەكچى
- قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى بىر تىللىق مائارىپمۇ؟
- ئېكىساق ھۆسەينىيە مەكتىپىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈن
- 120 يىللىق ئۇيغۇر مەكتىپىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلدى
- ئۇيغۇر مائارىپى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە
- قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاينىڭ قوش تىل سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل سىنىپلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيتىلمەكتە
- ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ھەققىدىكى ھەقسىز لىنىيە سۆھبىتى
- ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولماقتا