ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلىدا سۆزلەش تەشۋىقاتى تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە
2006.12.14
ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر مەزكۇر جايدا خىتاي تىلىدا سۆزلەش تەشۋىقاتى تېخىمۇ كۈچەيتىلىشكە باشلىغان. مەسىلەن، يېقىندا ئاخىرلاشقان خىتاي تىلىدا سۆزلەش تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 5 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر سانى 40 مىڭغا يەتكەن . خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقانلار ئارىسىدا، 30 نەپەر بالىنى "قوش تىللىق ئىلغار بالا" دەپ مۇكاپاتلىغان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىمۇ تەڭ بىر ۋاقىتتا مۇكاپاتلاپ، مەزكۇر جەرياننى ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ۋە رادىئولاردا كەڭ تەشۋىق قىلغان.
بىر مىللەتنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان ئوچۇق -ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىق
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ خىل ئەھۋالغا قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرمەكتە ھەمدە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق سىياسىتىنى "بىر مىللەتنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان ئوچۇق -ئاشكارا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتى" دەپ كۆرسەتتى:
"مەنچە بۇ بىر مىللەتنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان ئوچۇق - ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلار مەيلى تىل ئەدەبىيات جەھەتتە بولسۇن ياكى تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ، زور بايلىققا ئىگە بىر مىللەت. ئەلۋەتتە بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگەنسە، بۇنىڭ ھىچ بىر يامىنى يوق. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇنداق ئاددى ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپىنى يۈرگۈزۈشىدىكى مەقسىتى بۇ مىللەتنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئۆرپ-ئادىتىنى خىتايلاشتۇرۇش. قارىماقتا خىتاي تىلى ئۆگىنىشتە ھېچقانداق مەجبۇرلاش ئەھۋال يوقتەك تۇرغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىش پۈتۈنلەي كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي بېسىمى تۈپەيلىدىن يۈز بەرمەكتە. ئەگەر مۇشۇ پېتى داۋاملىشىدىغان بولسا، ئۇزۇنغا قالماي ، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ خۇددى ئەينى چاغدىكى مانجۇ مىللىتىگە ۋە ھازىرقى موڭغۇل مىللىتىگە ئوخشاش پۈتۈنلەي خىتايلىشىپ كېتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى مىللەت تەرەققىياتى پرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئەمەس، ئەكسىچە، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشتىن ئىبارەت بىرخىل جىنايەت. يەنە 50 ياكى 100 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى يەنىلا ساقلاپ تۇرالىشى بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئاستا -ئاستا پەقەت كىيىنىشى ئۇيغۇرچە مىللىي پاسون بولۇپ، بىر ئىككى ئېغىز ئۇيغۇر تىلىدا سۆز قىلالايدىغان لېكىن باشقا جەھەتتە پۈتۈنلەي خىتايلاشقان بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. ئۇيغۇرلار بۇنداق بولۇپ قېلىشقا ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇ كوممۇنىست خىتاينىڭ زوراۋانلىق تۈزۈمىنىڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر. ھەرقانداق مىللەت بۇنداق بولۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك"
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ بۆلۈمى مەسئۇلى ئالىمجان ئەپەندى قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يىلدىن - يىلغا كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئىشلىتىۋاتقان تۈرلۈك ھېلە - مىكىرلىرىنى پاش قىلدى.
ئالىمجان ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىپ" ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆز ئانا تىلى ۋە ئۆز دىنى ئېتىقادىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋاتقان شارائىت ئاستىدا، ۋەتەن ئىچىدىكى يەنى ئۆز ئانا تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بۇ ھەق ھوقۇقتىن تامامەن مەھرۇم قىلىنماقتا" دەپ كۆرسەتتى:
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى قاھار بارات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز مىللىتىگە قانداق مەنپەئەت ۋە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
- ئۇيغۇرلار مىللىي مائارىپتا جىددىي خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە
- قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى بىر تىللىق مائارىپمۇ؟
- ئېكىساق ھۆسەينىيە مەكتىپىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈن
- 120 يىللىق ئۇيغۇر مەكتىپىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلدى
- ئۇيغۇر مائارىپى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە
- قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاينىڭ قوش تىل سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل سىنىپلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيتىلمەكتە
- ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ھەققىدىكى ھەقسىز لىنىيە سۆھبىتى