قوش تىللىق مائارىپمۇ؟ خىتاي تىللىق مائارىپمۇ؟
2007.01.16
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېموكراتىيە ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلاتنىڭ "شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ" مۇئاۋىن مۇدىرى، "شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى" نىڭ پروفېسسورى شۈي جېڭ دېموكراتىيە ئىتتىپاقى "شىنجاڭ شۆبىسى مائارىپ كومىتېتىنىڭ كاتىپى بىلەن بىرلىشىپ، قوش تىللىق مائارىپنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىش ھەققىدە تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان.
پروفېسسور شۈي جېڭ "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى ھازىرقى زامان جەمىيىتىنىڭ ئېھتىياجى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىسادىي ئاشۇرۇپ، تەرەققى قىلغان رايونلاردا ئۆز تالانتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنىدۇر" دەگەن.
دېموكراتىيە ئىتتىپاقى "شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى" يەنە خىتاي تىلى خادىملىرىنى تەربىيىلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك مائارىپ، رادىئو-تېلېۋىزىيە مائارىپ، خىتاي تىلى ئوقۇتۇش قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەمدە قوش تىللىق ئوقۇشلۇقلارنى نەشىر قىلىش قاتارلىق زامانىۋى مائارىپ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي تىلى مائارىپىنى ئۇزۇن مۇددەت ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىشنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن ھەتتا يەسلىدىن باشلاپ يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىي ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرى داۋاملاشماقتا. ھەتتا، بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ئىنتېرنەت تورلىرىدىمۇ بۇ مەسىلە مۇنازىرە قىلىنىپ، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پەن-تېخنىكا ئورۇنلىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتىن مائارىپ ئورۇنلىرىدىمۇ ئىستىمالدىن يوق قىلىنىشقا يۈزلەندۈرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تىلشۇناس دوكتور قاھار بارات خىتاي دەۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلى مائارىپى بولۇش بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنى يوق قىلىش كەلگۈسى مەقسەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلىدا سۆزلەش تەشۋىقاتى تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز مىللىتىگە قانداق مەنپەئەت ۋە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
- ئۇيغۇرلار مىللىي مائارىپتا جىددىي خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتمەكچى
- قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى بىر تىللىق مائارىپمۇ؟
- ئېكىساق ھۆسەينىيە مەكتىپىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈن
- 120 يىللىق ئۇيغۇر مەكتىپىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلدى
- ئۇيغۇر مائارىپى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە
- قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاينىڭ قوش تىل سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە