خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايچە مائارىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقچى
2007.01.18
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېچىلىۋاتقان سىياسىي كېڭەش -9 نۆۋەتلىك كومىتېتى -5 يىغىنى ھەمدە -10 نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى -5 ئومۇمىي يىغىنلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ھەمدە ئېلىنغان قارارلار ھەققىدە تارقىتىلغان ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى گەۋدىلەنمەكتە.
"قوش تىل" لىق ئوقۇتۇش يەنە تەكىتلەنگەن
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىتىلىۋاتقان ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 17 - يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ مەخسۇس قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە توختالغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قوش تىلدا تەربىيىلەشنى كۈچەيتىدىغانلىقى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇەنمۇ مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلىپ " شىنجاڭدا قوش تىللىق ئوقۇتۇشتا زور نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن زور تۈركۈمدىكى لاياقەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرى يېتىشتۈرۈلدى" دېگەن.
ۋاڭ لېچۇەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بۇندىن كېيىن قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتىدە نېمىنى ھالقىلىق تۇتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ" نۆۋەتتە قوش تىللىق مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى. بۇندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز "دېگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چوقۇم خىتايچىنى ئۆگىنىشى شەرت ئىكەنلىكى ھەققىدە قىلغان " ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى نۆۋەتتىكى ئىلىم پەن تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىگە يېتىشەلمىدى دېگەندەك سۆزلىرى ئۇيغۇرلاردا زور نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.
ئۇيغۇرلار ۋاڭ لېچۇەننىڭ خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا جىددى ھەم بېسىم بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىدا ئەڭ نۇقتىلىق رول ئويناۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا. چۈنكى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 - يىلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلىكلەرنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قارشى چىققۇچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە يول يورۇق بەرگەن.
ئۇ يېقىندا يەنە بارلىق ئاز سانلىق مىللەت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى ھەمدە قوش تىللىق مائارىپنى يەسلى بالىلىرىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىشىدىمۇ قاتتىق مەيداندا تۇرۇپ كەلدى.
بۇ ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەردە قوش تىللىق مائارىپتا يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرگە دائىر جەمئىي 53 پىكىر چۈشكەن بولۇپ، كۆپ ساندىكىلەر قوش تىللىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىغا ماسلىشالمايۋاتقانلىقى، يېتىشمەيۋاتقانلىقى، خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ كۈچەيتىلىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ جىددىلىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەت قارارنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا بۇندىن كېيىن يەنىلا قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش سىياسەتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى يەرلىك تور بەتلىرىدىمۇ بەزى مەلۇماتلار ئاشكارلانماقتا.
يەرلىك مائارىپ تورلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىر جايلاردىكى بارلىق مائارىپ تارماقلىرى ئىككى يىغىندا مائارىپ ھەققىدە ئېلىنغان قارارلارنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان بولۇپ، خوتەن ئاقسۇ قەشقەر ھەمد قىزىلسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ مائارىپ خەۋەرلىرىدە ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە مائارىپتا ئىندولوگىيە جەھەتتىكى تەربىيىنى ماس ھالدا كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.
خەۋەرلەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان يەسلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇلۇشنىڭ پات ئارىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇلىدىغۈئانلىقى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى نامىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتاي تىللىق مائارىپىغا ئۆزگەرتكەنلىكى شۇنداقلا بۇ جەرياندا پەيدا بولىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنىلا قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشنى ئۇزۇن يىللىق پىلان سۈپىتىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى بۇ خىل نارازىلىقلارنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل مائارىپ ساھەسىدە نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا تەرەققىيات ئەمەس بەلكى بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مائارىپنىڭ خىتايلىشىشىنىڭ ھەم سىياسىي ھەم مىللىي ۋە مەدەنىي ساھەلەرگە چېتىشلىق ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قوش تىللىق مائارىپمۇ؟ خىتاي تىللىق مائارىپمۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلىدا سۆزلەش تەشۋىقاتى تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە
- د ئۇ ق 2 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ئاخبارات باياننامىسى ئېلان قىلدى
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز مىللىتىگە قانداق مەنپەئەت ۋە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
- ئۇيغۇرلار مىللىي مائارىپتا جىددىي خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتمەكچى
- قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى بىر تىللىق مائارىپمۇ؟
- ئېكىساق ھۆسەينىيە مەكتىپىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈن
- 120 يىللىق ئۇيغۇر مەكتىپىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلدى
- كومپارتىيە خىتايدا "ئىناق جەمئىيەت" قۇرالامدۇ ؟
- ئۇيغۇر مائارىپى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە
- قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاينىڭ قوش تىل سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل سىنىپلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيتىلمەكتە
- تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرجىيەس زەفەر قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ھەققىدىكى ھەقسىز لىنىيە سۆھبىتى
- ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولماقتا