ئۇيغۇر ئېلىدە، قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىناق ئورنىدا يولغا قويۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋە كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلارنى خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتەلەيدىغان قىلىپ تەربىيىلەشكە باشلىغان.
قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىككى يىللىق مۇددەت بىلەن تەربىيىلەش خىزمىتىنى رەسمىي باشلانغان
يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر جايدا قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، يەنە 200 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا، ئاز سانلىق مىللەت قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىككى يىللىق مۇددەت بىلەن تەربىيىلەش خىزمىتىنى رەسمىي يولغا قويغان. ئاپتونوم رايوننىڭ مەزكۇر پىلانى بويىچە، 2007 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە بولغان بۇ يەتتە يىل ئىچىدە، 13500 ئوقۇتقۇچى قوش تىللىق قىلىپ تەربىيىلىنىپ چىقىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر پىلان شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئىجرا قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى ۋە كۈيتۇن قاتارلىق جايلىرىدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەزكۇر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
مەزكۇر ئىككى يىللىق قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش پىلانى ئاساسەن يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن بولغان خىتاي ئەمەس مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتىلغان ئىكەن.
خىتاي تىلى ياخشى بولمىغان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتلىرىدىن ئايرىلماقتا
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز تىلىدا ئەمەس بەلكى خىتاي تىلىدا دەرس بېرىشى رەسمىي يولغا قويۇلغان. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مەيلى ئۇنىڭ ئۇنۋانى قانچە يۇقىرى بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، چوقۇم خىتاي تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدىكەن، دەرس ئۆتۈشى پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىنىدىكەن. بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ خىزمەتچىسى خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەي خىزمەتسىز قالغان بىر قىسىم يۇقىرى ئۇنۋانلىق ياشانغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ زور بېسىم ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل قوش تىللىق مائارىپنى، ئەمەلىيەتتە پەقەت خىتاي تىلىدىنلا ئىبارەت بولغان بىر تىللىق مائارىپ دەپ كۆرسەتمەكتە.
بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى پولات ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە قەدەممۇ -قەدەم كۈچەيتىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە توختىلىپ "مەزكۇر قوش تىللىق مائارىپ ئەمەلىيەتتە پەقەت خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىر تىللىق مائارىپ بولۇپ قالدى" دەپ تەكىتلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر رايونغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈملەپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە. 4 - مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2000 - يىلىدىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئاتالمىش ياردەم ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى 1000 غا يەتكەن بولۇپ، يېقىندا يەنە 25 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىسى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەن. (مېھرىبان)