"قوش تىللىق" تەربىيە سەبىلەرگە قوش توسالغۇ
2007.11.16
خىتاي دائىرىلىرى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ راۋان ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، نۆۋەتتە بار كۈچىنىباغچا مائارىپىنىمۇ قوش تىللاشتۇرۇشقا قاراتماقتا. يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ شەھەرلەردىكى بالىلار باغچىلىرى ھەم مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي تىلى تەربىيىسى ئېلىۋاتقاندىن باشقا، ھەتتا يېزا-قىشلاقلاردىمۇ بالىلارنى كىچىكىدىن خىتايچە تەربىيىلەيدىغان يەسلىلەر قۇرۇلۇپ، يەسلى مائارىپى ئاساسەن خىتايچىلاشتۇرۇلماقتا.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى"بالىلارغا قوش تىل مائارىپىنى قانچە بالدۇر باشلىسا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىلىشىگە شۇنچە بۇرۇن ئاساس سېلىنغان بولىدۇ" دېگەندەك تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئەمدىلا تىلى چىقىپ، تەپەككۇرى ئېچىلىشقا باشلاۋاتقان سەبىلەرگە نىسبەتەن، قارا قويۇق ھالدا كۆپ خىل تىل تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەر تەرەپتىن توسالغۇ يارىتىدىكەن.
2010 - يىلى بارلىق يەسلىلەرمۇ قوش تىللىشىپ بولىدۇ
"قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىستىراتېگىيىلىك سىياسىتى. نۆۋەتتە ھەتتا بالىلار باغچىلىرىدىكى سەبىي بالىلارمۇ مەزكۇر سىياسەتنىڭ تەسىرىگە بىۋاستە ئۇچرىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى2006 - يىلى 7 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلى باغچا مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان ئىدى.ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تىلى مائارىپىنى سەبىيلەرگە كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىش پىلانى بۇيىچە، نۆۋەتتە ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ھەمدە مائارىپ تارماقلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا - ناھىيىلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي تۇتۇش قىلماقتا. پىلان بۇيىچە 2006 - يىلىدىن 2010 - يىلغىچە يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق بالىلار باغچىلىرىنى قوش تىللاشتۇرۇپ بولىدىكەن.پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي 430 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.
ئاساسىي مائارىپنىڭ ئاساسىمۇ خىتايچىلاشقاندا....
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا قوش تىل مائارىپى نامىدا مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشى ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۈر سىياسىتىنى ھەتتا مەكتەپ يېشىغا توشمىغان سەبىيلەردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى ھەمدە زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرماقتا. ئۇلار "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى، ئەمدىلا تىلى چىقىۋاتقان سەبىي بالىلاردىن باشلاش، ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايچە تىل، خىتاي ئېڭىدا، خىتاي مەدەنىيىتىدە تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئىلمىي بولمىغان قارا قويۇق سىياسەت ھەتتا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ زىيانلىق دەپ قارىماقتا. شۇنداقلا بۇ ھەقتە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلمەكتە.
ئەمدى سەبىي بالىلارمۇ كىچىكىدىنلا بەدەل تۆلىسۇنمۇ؟
بىز بۇ ھەقتە يېقىندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە"بالىلارنى خىتايچە يەسلىگە بەرمەڭلار " دېگەن تېمىدا مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر دىمۇكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى خادىمى رۇقىيە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
خەلقئارادىكى بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرى، بالىلار پىسخولوگلىرىنىڭمۇ ئورتاق قارىشى شۇكى، بالىلارغا قارىتا بولۇپمۇ، تىلى چىقىۋاتقان، تەپەككۇرى يېتىلىشكە باشلىغان سەبىلەرگە قارىتا بىر خىل تىلدىن ئارتۇق تىل تەربىيىسى زىيانلىق بولۇپ، بالىلارغا بىر نەچچە خىل تىلدا تەربىيە ئېلىپ بارغاندا، بۇ خىل مۇرەككەپ تىل ئۆگىنىش مۇھىتى ئۇلاردا، قايسى تىلنى دوراپ ئۆگىنىشكە بولغان تېڭىرقاش پەيدا قىلىپ تىلىنىڭ چىقىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن.
بالىلار پىسخىكىسى دوكتورى دۇ ياسۇڭنىڭ خىتاي مائارىپ تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، بالىلارغا بىر نەچچە خىل تىل تەربىيىسىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش،خۇددى مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگىلى بولمىغاندەك، بالىلارغا تىل توسالغۇسى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنىڭ تەبىئىي يېتىلىشىنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ھەتتا بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىشى،ئىستىقبالى،ھاياتى، تەقدىرىگىمۇ زور سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ ئېغىر بەدەل تۆلىشى مۇمكىن ئىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر تىل- يېزىقى خىرىسقا ئۇچرىماقتا
- قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار مائارىپى ئۈچۈن كەڭ يەر بېرىلگەن
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىر تىللىق مائارىپنى كېڭەيتمەكتە
- دوكتور قاھار باراتنىڭ مائارىپنىڭ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى
- ياش يازغۇچى كۈرەش ئاتىخاننىڭ مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى
- چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە
- ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى "قوش تىللىق مائارىپ" مەسىلىسىنى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى دەپ كۆرسەتتى
- ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ (1)
- خىتايچە تىل-يېزىق 'دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان تىل-يېزىق' بولالامدۇ؟ (2)
- مۇسۇلمان ئاياللىرى ۋە ئىلىم - مەرىپەت
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان " بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى تەربىيىسى ھەقىقى رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟
- كىچىك ئۇيغۇر قىزى ئارزۇ خەلقئارا كەشپىياتچىلار مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجىگە ئېرىشتى
- خىتايدىكى رەھىمسىز جەڭ -ئالىي مەكتەپكە تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى