قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدە ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىلىرى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنى يىلدىن يىلغا كۈچەيتمەكتە. ئامېرىكىدىكى ئالەم تېخنىكىسى ئالىمى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، "قوش تىللىق مائارىپ سىياسى" تىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدىن ئۆز ئالدىغا تەتقىقاتىنى توختاتماي ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمدە مۇناسىپ نادىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.09.17
Erkin-Sidiq-dok-305 ﺩﺭ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻼﺭﺩﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

يېقىندا ئۇ يەنە، "خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپقا بەرگەن تەۋسىيىلىرى" ناملىق ماقالىسىنى مەرىپەت تورىدا ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئورنىغا "قوش تىللىق مائارىپ" نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپى سىياسىتىنى مەجبۇرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن پەيدا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئورتاق ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.