مۇتەخەسسىسلەر: 'قوش تىللىق مائارىپ گۆدەكلەرنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى ئۈچۈن ئوخشاشلا خەتەرلىك'

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، "ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قۇتقۇزۇش" نۆۋەتتە ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئورتاق نىشانى دېسەك ئارتۇق بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى تەدرىجى كۈچەيتىپ ھەتتا ئەمدىلا تىلى چىقىشقا باشلىغان سەبىيلەرنىڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنىمۇ خىتايچە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئېلىپ كەلگۈسى سەلبىي تەسىرلىرىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتمەكتە، قوش تىللىق مائارىپىدا كۆرۈلۈۋاتقان بوشلۇقلار بولسا ئۇلارنىڭ ئەندىشىلىرىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ - ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ - ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مائارىپ تور بەتلىرىدە تارقىتىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتۈنلەي خىتاي تىلى مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ياش ئۆسمۈرلىرى 863 مىڭدىن ئاشقان. بۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايدىن باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 36.5% گە باراۋەر كېلىدۇ.

خىتاينىڭ بۇ ئىستاتىستىكىسى تېخى قوش تىللىق يەسلى بالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ 2005 - يىلىدىكى " قوش تىللىق مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن گۆدەكلەردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك" دېگەن ئىلمىي ئاساسسىز چاقىرىقى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ نامرات يېزا كەنتلىرىگىمۇ نۆۋەتتە قوش تىللىق يەسلىلەر، بالىلار باغچىلىرى قۇرۇلماقتا.
 
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورىنىڭ دۈشەنبىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يالغۇز قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىلا 2005 - يىلىدىن ئېتىبارەن قوش تىل يەسلىسىدىن 83 ئى قۇرۇلغان. يېڭىدىن يەنە 86 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە 169 غا يېتىدىكەن.

قوش تىللىق يەسلىلەردە ئۇيغۇر بالىلار "ئاپا - دادا" دېگەندىن باشلاپ خىتايچە تەلەپپۇز قىلىپ ئۆگەنمەكتە

تەڭرىتاغ تورىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان" قوش تىللىق مائارىپى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا پورەكلەپ ئېچىلدى" ناملىق ئاخباراتىدا ئۇيغۇر سەبىيلىرىگە قوش تىللىق تەربىيىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەپ " نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگە قەدەر قۇرۇلىۋاتقان قوش تىللىق يەسلىلەردە ئۈچ ياشتىن 6 ياشقا قەدەر بالىلار ئوقۇيدۇ ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئۇيغۇر بالىلىرى، خىتاي تەربىيىچىلەر بۇ بالىلارغا قوش تىل تەربىيىسىنى "ئاپا - دادا "دېگەندەك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ھەم ئەڭ يېقىن بولغان سۆزلەردىن باشلاپ خىتاي تىلىدا تەلەپپۇز قىلىشنى ئويۇنلار ئارقىلىق سىڭدۈرمەكتە...."

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى گۈدەكلەر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ يىلدا ئاجراتقان تۈر مەبلىغى 206 مىليون يۈئەنگە يېتىدىكەن. قوش تىللىق مائارىپى ئۈچۈن ئومۇمىي ئاجراتقان مەبلىغى بولسا ئۈچ مىليارد 750 مىليون يۈئەندىن ئېشىپ كېتىدۇ، ھالبۇكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ پەقەت قوش تىللاشقاندىن كېيىنلا ھېچقاچان ئېرىشىپ باقمىغان تەرەققىيات مەبلىقىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلىگىنى نەچچە ئايلاپ مائاشىنى ئالالماي كەلگەن يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ، بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىۋاتقان بۇ سانلىق ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتىكى ئەسلى مەقسىتىگە گۇمانلىق سوئاللار پەيدا قىلماقتا.

" قوش تىل " تەربىيىسى " خوش ئانا تىل " تەربىيىسىمۇ؟

ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلمىغان ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسسىز ھالدا، پەقەت قاتتىق سىياسەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىدا چوڭقۇر ھاڭلارنى پەيدا قىلىپ، ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنىڭ ئاتاقتا قوش تىل ئەمەلىيەتتە بولسا پەقەت خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىۋاتقان يالغۇز تىللىق مائارىپ بويىچە يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل تەربىيىسىنىڭ چەتكە قېقىلىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بارغانچە ئانا تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا چوڭقۇر ئەندىشىلەر پەيدا قىلماقتا شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەقسىدىگە بولغان گۇمان ۋە نارازىلىق كۈچەيدى، بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات ۋە ئانالىزلار يۈرگۈزىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن ھەر قانداق كەسپ ھەر قانداق ساھەلەردىن تاپالايمىز.

ئامېرىكىدىكى ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم، ئالىي دەرىجىلىك ئىنجېنىر دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى قوش تىللىق مائارىپى ھەققىدىمۇ كۆپ ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قوش تىللىق ممائارىپ ھەققىدىكى بىر قانچە پارچە ئىلمىي ماقالىلىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە قويۇلۇپ ئالقىشلاندى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى گۈدەكلەر تەربىيىسىدە كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسەت پىلانىدا 2012 - يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى 85% دېھقان چارۋىچى پەرزەنتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنى قوش تىل يەسلىلىرىدە ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت