"قوش تىللىق مائارىپ" نىڭ نەتىجىسى- ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ پاجىئەسى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق ئوقۇتۇش سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئاخىرى توقسىنىنچى يىللارنىڭ بېشىدا ناھايىتى ئاز ساندىكى تەجرىبە مەكتەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى، نۆۋەتتە بارلىق ئاساسلىق پەنلەر خىتايچە ئۆتىلىدىغان، ئۇيغۇر تىلى پەقەتلا ئانا تىل دەرسى سۈپىتىدە ئۆتىلىدىغان قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ سانى نۆۋەتتە 5000 غا يەتتى.مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇش خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن مەخسۇس سىياسەت بولۇپ چۈشكەندىن بۇيان خىتاي تىلى مائارىپى قوبۇل قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 50 ھەسسە كۆپەيتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى تېز سۈرئەتتە خىتايچىلاشتۇرماقتا.

"قوش تىللىق مائارىپ" نىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلىشى

شىنجاڭ ئاخبارات تورىنىڭ،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نەتىجىلىرى ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن 28 - نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى بۇ قەدەر كېڭەيتىشنىڭ ئالدىدا يەنى 1980 - يىللاردىن 1990- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر، قوش تىل مائارىپى سىناق قىلىنغان ساناقلىق تەجرىبە مەكتەپلىرىدە، قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ سانى يىگىرمىگىمۇ يەتمىگەن بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىللىق سىنىپ نامىدا ئوتتۇرا ‏- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئېچىلغان ئۇيغۇر بالىلارنى پۈتۈنلەي خىتاي تىلى مائارىپىدا تەربىيىلەيدىغان سىنىپلار بەش مىڭغا يەتكەن.

بۇ سىنىپلاردا ھازىر 150 مىڭ ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق ئاساسلىق دەرسلىكلەرنى پۈتۈنلەي خىتايچە، پەقەت ئۇيغۇر تىل ‏- ئەدەبىياتى دەرسىنىلا ئانا تىل دەرسى سۈپىتىدە ئۆگەنمەكتە. پەقەت ئۈرۈمچىدىلا خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن 100 دىن ئارتۇق قوش تىللىق مەكتەپلەردە جەمئىي 40 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى مۇشۇ خىل سېستىما بۇيىچە دەرس ئالماقتا. شۇڭا بۇ خىل ئوقۇتۇش نامدا قوش تىللىق مائارىپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان بىر تىللىق مائارىپ ھېسابلانماقتا.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2003 - يىلى 4 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مەركىزى بېيجىڭنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن" قوش تىللىق مائارىپنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش" ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تارماقلىرىغا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرگەندىن كېيىن، بىر يىلغا يەتمىگەن ئارىلىقتا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 52 مەكتەپتە ئېچىلغان قوش تىل سىنىپلىرى 946 گە يېتىپ ئوقۇغۇچىلار سانى 30مىڭدىن ئاشۇرۇلغان. نۆۋەتتە قوش تىل سىنىپلىرى 5000 مىڭغا يەتكۈزۈلدى. قوش تىل مائارىپىدا تەربىيىلىنىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانى بولسا 150 مىڭغا يېتىپ،يېقىنقى ئالتە يىلدا 50 ھەسسە كۆپەيگەن.

قوش تىللىق ئوقۇتۇش بىلەن مىللىي مائارىپنىڭ تەتۈر تاناسىپ مۇناسىۋىتى

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ سانلىق مەلۇماتلار، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچى يەنى نەتىجە ھېسابلانغان بولسا، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئۈچۈن دەل تەتۈر تاناسىپلىق نەتىجىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى ھەم زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايچە ئوقۇتۇش يەنى قوش تىللىق مائارىپ مىللىي مائارىپنى زەئىپلەشتۈرۈش بەدىلىگە تەرەققى قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى بارغانچە خىتايچىلاشتۇرىۋاتقانلىقىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى "قوش تىللىق مائارىپنىڭ سان، سۈپەت كۆرسەتمىسى دەل مىللىي مائارىپنىڭ پاجىئەسى" دەپ كۆرسەتتى.

" پەقەت خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ ياراملىق ھەمدە ئىختىساسلىق بولۇپ يېتىشكىلى بولىدۇ" مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوش تىللىق مائارىپىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ تەكىتلەيدىغان شوئارى، ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق جەمئىيەتتىمۇ خىتاي تىلى بىلمىسە چىقىش يولى تاپالماسلىقتەك بىر ناچار كەيپىيات يارىتىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئاجىزراق كىشىلەرگە ئوقۇش ھەم ئىش پۇرسىتى بەرمەسلىكى، جەمئىيە تتەخىتاي تىلى بىلمىگەنلەرنىڭ چىقىش يولى بولماسلىقىدەك ۋەزىيەتنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شوئارىنى ئۇيغۇرلارمۇ ئامال يوق قوبۇل قىلىشقا ھەمدە ئۇنىڭغا مايىل بولۇشقا مەجبۇر قالماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش نامىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇش ئالىي مەكتەپلەردە بارلىق باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئومۇملاشقاندىن باشقا، ھەتتا يېزا‏ - كەنتلەردە قوش تىل يەسلىلىرى ئېچىلىپ يەسلى مائارىپىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلىرىنى خىتاي تىلى مەكتەپلىرىدە ياكى قوش تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇتىۋاتقان ئاتا ئانىلارنىڭ كۆپىيىشى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولماستىن بەلكى مەجبۇر قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىمۇ خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا مەجبۇرىي ئېلىپ بارماقتا شۇنداقلا بۇ خىل خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ سىياسىتى قوش تىل سىنىپلىرىنى ئېچىش، خىتاي مەكتەپلەر بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي مەكتەپلىرىدە شىنجاڭ سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بارغانچە ھەسسىلەپ كۆپەيتىش، ھەتتا يېزا‏ - كەنتلەردىمۇ قوش تىل يەسلىلىرىنى قۇرۇشقا ئوخشاش قەدەم ‏- باسقۇچلۇق تەدبىر ھەم ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىپ بارماقتا.

بۇ ۋاسىتىلەر ئىچىدە، ھەتتا تىلى چىقمىغان سەبىيلەرگىمۇ دەسلەپكى ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسىنى خىتاي تىلىدىن باشلاش،ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي ۋاسىتىسى دەپ قارالماقتا. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە ‏- يېزىلىرىدا ئېچىلغان قوش تىل يەسلىلىرىدە خىتاي تىلى تەربىيىسى ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ ھەقتە مەمەت توختى ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر بەش يىلدا قوش تىللىق مائارىپ ئوقۇتۇشىنى مىللىي مائارىپ ئورنىغا پۈتۈنلەي دەسسىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، يەنى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق يەتتە ئوبلاست ھەم ۋىلايەتتىكى 56 شەھەر ‏- ناھىيىدە جەمئىي 1009 مىللىي مەكتەپنى قوش تىللاشتۇرىدىكەن. قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بىلەن 2010-يىلغا بارغاندا 258 مىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتى مەكتەپ يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنىمۇ قوش تىل يەسلىلىرىدە خىتاي تىلى ئارقىلىق قوبۇل قىلىشقا باشلايدىكەن. (گۈلچېھرە)