ئۇيغۇر بالىلىرى 'قوش تىللىق مائارىپ' ئارقىلىق تەڭسىز رىقابەتكە مەجبۇرلانماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى 2012 ‏- يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى پۈتۈنلەي قوش تىللاشتۇرۇپ بولۇش يەنى ئەمەلىيەتتە قوش تىللىق مائارىپ نامىدا يەككە خىتاي تىللىق مائارىپىغا ئايلاندۇرۇپ بولۇشنى پىلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تەدرىجى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئاساسەن يوق قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 19 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺭﯦﺒﻜﻮﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ "ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ"ﻗﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 19 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺭﯦﺒﻜﻮﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ "ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ"ﻗﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﯦﺒﻜﻮﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.

بىراقلا خىتاي تىلىدىكى مائارىپقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر بالىلىرى يەنە خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەقسىز رىقابەتكە مەجبۇرلانماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل دائىرىلىرى يېقىندا"شىنجاڭنىڭ يېڭى ئون يىلى" نامىدا خىتايدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن مەخسۇس زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللەپ خىتاي سىياسىتىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب شىمالىغا ئېلىپ كەلگەن " ئۆزگىرىشلىرى " نى تەشۋىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا زىيارەت ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر ساھە، ھەر جايلىرىدا بۇ ئون يىلدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنماقتا.

خىتاي خەلق كۈندىلىك گېزىتى 25 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىغا بۇ ئون يىلدا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.

ماقالىگە قەشقەرنىڭ پوسكام ناھىيىسىدىكى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىدىن مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە پوسكامنىڭ ھاكىمى ئۆمەرجان مەمەتنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ بالىلارنى يېقىنلاشتۇرۇپ رىقابەت ئېڭىنى ئۆستۈردى" دېگەن سۆزىنى تېما قىلغان.

مەزكۇر خەۋەردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جەمئىي 5261 ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، مەكتەپلەردىكى 3مىليون 420 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ 2 مىليون 98 مىڭىنى ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان خىتايدىن باشقا مىللەت بالىلىرى ئىگىلەيدۇ. قوش تىللىق سىنىپلارنىڭ سانى23 مىڭ، بۇ سىنىپلاردا خىتاي مائارىپى قوبۇل قىلىۋاتقان بالىلار 489 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايدىن باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 23.5%گە توغرا كېلىدۇ.

خىتاي خەلق كۈندىلىك گېزىتىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "2004 - يىلىدا" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش "ھەققىدىكى قارارى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا قوش تىللىق مائارىپ كۈچەيتىلىپ سەبىلەر مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشتەك ئەڭ گەۋدىلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەنى 2009 ‏- يىلىغا كەلگەندە قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ 5975 كە يەتكەن. بۇ يەسلىلەردە 264 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت سەبىلىرى دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنى خىتاي تىلىدا قوبۇل قىلىدىغان بولغان. خىتاي دائىرىلىرى "مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى سەبىلەر مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش، قوش تىللىق مائارىپ پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق مۇھىم ئامىل "دەپ كۆرسىتىپ قوش تىل يەسلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كۆپەيتىپ قۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ بۇ تەشۋىقات ماقالىسىنى تەييارلىغان مۇخبىرى لى شاۋخۇا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل مەكتەپلىرىدە كۆرگەنلىرىنى تەسۋىرلەپ، مەكتەپلەردە كىيىنىشى ئوخشىمىغان، چىراي شەكلى پەرقلىق ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ بالىلىرى، ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىپ، بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ ئوخشاش تاماقتىن غىزالىنىدىكەن، ئورتاق تىل ئۇلارنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان ۋە ئۆز ‏-ئارا رىقابەت ئېڭىنى ئۆستۈرگەن" دەپ يازغان.

بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن مەلۇمكى،ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا، پەقەتلا قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش تۈسىنى ئالغان، مائارىپ ئىلمىغا ئۇيغۇن بولمىغان مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى ئىنتايىن زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولۇپ، تىل ‏- ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقا بارلىق دەرسلىكلەرنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە ئوقۇتۇشقا ئۆزگەرتىلىشى بىلەن ئوقۇتۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ دەرس قوبۇل قىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولمىغان يات تىلدا دەرس ئالغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭسىز رىقابەتكە مەجبۇرلىنىپ كەلمەكتە.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىغا 30 يىلدىن ئاشقان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بويىچە تەبىئىي پەن دەرسلىرىنىڭمۇ بىردىنلا خىتايچە ئۆتىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرلىرىنى ئىنتايىن ئېچىنىش ئىچىدە تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بىلەن پۈتۈنلەي يوقىتىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىغا ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە خېلى تەسىر قوزغىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئامېرىكىدىكى ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانلىرىنى تىلغا ئېلىپ "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشتىكى قورالى بولۇپ قالدى" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت