قوشئاۋات يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى لى ھەققىدە مۇلاھىزە

پەيزىۋاتنىڭ قوشئاۋات يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى لى ھەققىدىكى خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2008.12.24
Dixan-QerizDeptiri-200.jpg ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، Youtube ﺗﺎ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺝ - ﺳﯧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.
ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، پارىخورلۇق خىتايدىكى رەھبەرلىك قاتلىمى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئىللەت ئەمەس. ئەمما پارىخورلۇق بىلەن بىللە ھەم مۇشتۇمزورلۇق، قىمارۋازلىق، ئىستىلىي بۇزۇقلۇق قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سېكرېتاردا لىدا تېپىلىشى؛ لىدىكى بۇ ئىللەتلەرنى يېزىدىكى پۈتۈن خەلقنىڭ بىلىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ئەھۋالدۇر.

مانا مۇشۇنداق بىر كىشى قانداق بولۇپ، يېزىنىڭ سېكرېتارى بولۇپ قالدى؟ مۇشۇنداق بىر كىشى قانداقلارچە 15 يىل ھوقۇق تۇتالىدى؟ بۇ سوئاللارغا نۆۋەتتە شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مىرزائەخمەت مۇھەممەد ئەپەندى ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىدۇ.

مىرزائەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىكنىڭ يىلتىزى سىياسى تۈزۈلمىدە ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىدا. سوتسىيالىست تۈزۈم سېكرېتار لىغا پارىخورلۇق پۇرسىتىنى، مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت بولسا، مۇشتۇمزورلۇق ۋە ئىستىلىي بۇزۇقلۇق پۇرسىتىنى بەرگەن.
 
مىرزائەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، چىرىكلىكتە بۇ دەرىجىگە يەتكەن بىر رەھبەر پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدە تېپىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. چۈنكى جەنۇبتىكى ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ تېخىمۇ ناچار بولۇشى، بىر قىسىم كىشىلەرنى جان قايغۇسىغا سېلىپ قويغان؛ ئۇلاردا ھەق-ھوقۇقىنى ئىزدەش ئەمەس، ئويلاش جاسارىتىمۇ قالدۇرمىغان. مانا بۇ سەۋەبلىك چىرىك ئەمەلدارلار شىددەتلىك ۋە ئەجەللىك قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمىگەن، چىرىكلىكتە ھەددىدىن ئاشقان.

مىرزائەخمەت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ يىل ئولىمپىك مەزگىلىدە پەيزىۋاتتا يۈز بەرگەن، يامانيار ۋەقەسى ، قىزىلبويى ۋەقەسىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە ئەنە ئەشۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغان ياشلارنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ "لىغا ئوخشاش ئەمەلدارلارغا ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويۇش" ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.