خىتايدا بالا قۇللار ھەققىدە چىققان يېڭى ناخشا

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا بالىلارنى قۇل قىلىش ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كوممۇنىست خىتاينىڭ دۆلەت كابىنىتى ئومۇمى ئاخبارات چىقىرىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ ھەقتە سەنشىنىڭ ئۆلكە باشلىقى يۈيۇجۈننى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ دۆلەت كابىنىتىدا قىلغان سۆزىدە سەنشىدىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىپ 'سەنشىدىكى قارا كۆمۈر كان ۋەقەسى قانۇنسىز ئىشچى ياللاش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى' دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا، پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە يېزىلاردا، كانلاردا، كارخانىلاردا ئادەم ياللاش جەھەتتە چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى 'سەنشىدە ساقچىلار بالا قۇللارنى قۇتقازدى' دەپ خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، 400 نەپەر بالا قۇلنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىمزا قويۇپ مەركەزگە ئەرز يوللاپ، بالا قۇللارنى داۋاملىق قۇتقۇزۇش لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى. ئەرز دە ئېيتىلىشىچە، سەنشىدە پاش قىلىنغان بالا قۇل ۋەقەسى پەقەت پۈتۈن مەملىكەتتىكى 'بالا قۇل دېلولىرىنىڭ بىرلا پارچىسى'، قىسقىسى، خېنەندىن سەنشىگە تۇتۇپ كېلىنگەن 'بالا قۇللار' نىڭ ھەممىسى تېخى تولۇق ئازاد قىلىنغىنى يوق، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا جايغا يۆتكەپ كېتىلگەن. باشقا ئۆلكىلەردىكى بالا قۇللارمۇ ھازىر يۆتكەپ يۇشۇرۇلماقتا.

ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىشىچە، 'پۈتۈن جۇڭگونى قاتتىق سىلكىندۈرگەن بالا قۇل ۋەقەسىنى چۇقۇم پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئىنتېرنېتتە پاش قىلىش، جىنايەتچىلەرنى جازالاپ، بالىلارنى تەلتۆكۈس قۇتقۇزۇش لازىم'.

سەنشىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ئىنسانىيەتنى قۇل قىلىدىغان 'جۇڭگوچە سوتسيالىزم'

'بوشۈن تور بېتى'دە ئېلان قىلىنغان "كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ باندىت بىلەن ساقچى بىرلەشكەن قارا جەمئىيىتى" دېگەن مۇلاھىزىدە ' جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى سەنشىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى ياخشى بولدى، بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ كۆرۈلدى، ئەمما مەلۇم بېسىملار تۈپەيلىدىن ھەل قىلغۇچ نۇقتىلارغا زەربە بېرىلمىدى' دەپ كۆرسىتىلدى.

مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى توغرا بېكىتەلمىدى. ئەمەلىي پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلغاندا، سەنشىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە دۆلەت پۇقرالىرىنى گۆرۆگە ئېلىۋېلىش، سېتىش، قۇل قىلىش، قىرىش، قوغداش ھەققى ئېلىش، ۋەقەگە سۈكۈت قىلىش، جىنايەتچىلەرنى يۇشۇرۇش، ۋەقەنىڭ مۇھىم پاكىتلىرى يوق قىلىش قاتارلىق ئېغىر قانۇنىي مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۇنىڭ ئۆزى خەلقنى قۇل قىلىدىغان 'جۇڭگوچە سوتسيالىزم'.

سەنشىدە بالىلارنى قۇل قىلىش ۋەقەلىرى 10 يىلدىن بۇيان مەۋجۇت

'بوشۈن تور بېتى'دە ئېلان قىلىنغان "كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ باندىت بىلەن ساقچى بىرلەشكەن قارا جەمئىيىتى" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سەنشىدە بالىلارنى قۇل قىلىش ۋەقەلىرى 10 يىلدىن بۇيان مەۋجۇت. كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بۇنى كۆرمىگەن ياكى سەزمىگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلار بۇ جەرياندا 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش'، 'كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش' ۋاھاكازا دېگەن جۇڭگوچە سوتسيالىزم نەزىرىيىلىرىنى ئۆگىنىپ ، دۆلەتنىڭ قانۇن ئورگانلىرىنى قاراڭغۇ جەمئىيەتكە ئايلاندۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ قېتىم جىنايەتچىلەرنىڭ چوڭلىرى قېچىپ بولغاندا، ئاندىن ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ، پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پەيدا بولۇپ، مەھەللىلەردىكى مۇئاۋىن باشلىقلارنى جازالاشقا باشلىدى.

ساقچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى قۇللارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنىڭ قانداق قاچقانلىقى، ساقچىلارنىڭ قانچىلىك مۇداپىئە قىلىش ھەققى ئالغانلىقى، قۇللارنىڭ بىر قىسمى قانداق قىلىپ باشقا جايلارغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھازىر كىشىلەر ئۈچۈن يەنە بىر سىر بولۇپ قالدى.

يېڭى ئىجاد قىلىنغان 'جۇڭگو بالىلىرى' دېگەن ناخشنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟

'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى'دا بايان قىلىنىشىچە، سىچۇەندىكى جۇ يۈنفېڭ ئىسىملىك بىر ئەما شائىر، كومپوزىتور يېقىندا، سەنشىدىكى بالا قۇللار ھەققىدە بىر ناخشا ئىجاد قىلغان. رەن يۈنفېڭ ئىسىملىك بىر كىشى بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى توردا ئېلان قىلغان.

شائىر بۇ ناخشىدا 1994 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى قارامايدا بىر كۇلۇبتا ئوت ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، 'ئالدى بىلەن رەھبەرلەر چىقىپ بولغىچە' ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن 228 نەپەر ئۆسمۈرنى ئەسلىگەن؛ 2005 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى سالەنجېن بازىرىدىكى بىر مەكتەپنى كەلكۈن باسقاندا، قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىلمىغانلىقىتىن ئۆلۈپ كەتكەن 88 نەپەر ياش ‏- ئۆسمۈرنى ئەسلىگەن؛ 2003 ‏- يىلى 6 ‏- ئايدا، چېڭدۇ شەھىرىدە ساقچىلار بىر ئانىنى خېروئىن چەكتى دەپ بىر ھەپتە قاماپ قويۇپ، ئۆيدە ئاچلىقتىن ئۆلگەندە 3 ياشلىق قىزنى ئەسلىگەن. بۇ شائىر ئىجاد قىلغان 'جۇڭگو بالىلىرى' دېگەن ناخشا تېكىستىدە " قاراماي بالىلىرى بولماڭلار، ئاناڭلارنىڭ يۈرىگى يېرىلىپ كېتىدۇ.

سالەنجېننىڭ بالىلىرى بولماڭلار، ئاناڭلارمۇ تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. چېڭدۇلۇقنىڭ بالىلىرى بولماڭلار، ساقچىلار ئاناڭلارنى ئەمگۈزمەيدۇ. خېنەن بالىلىرى بولماڭلار، ئەيدىز ۋىرۇسى قېنىڭلاردىن كەتمەيدۇ. سەنشى بالىلىرى بولماڭلار، ئاتاڭلارنىمۇ كۆمۈر قىلىپ قالايدۇ " دەپ يېزىلغان. بۇ ناخشىنىڭ نەقىراتى "جۇڭگو بالىلىرى بولماڭلار، كوممۇنىست ئەمەلدارلار يەپ كېتىدۇ، غالچا جۇڭگولۇقنىڭ بالىسى بولماڭلار، خوجايىنلىرى سېتىۋېتىدۇ ' دېگەن مىسرالار بار. (ۋەلى)