قۇم - توزاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى كىلىماتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۈچەيگەن

0:00 / 0:00

تۇپراقنىڭ قۇملۇشۇش مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بارغانسىرى كۆرۈنەرلىك تۈردە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، يېقىندا رايوندىكى مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار خىتاي دائىرىلىرىنى قۇملۇشۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھاۋا كىلىماتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. مۇتەخەسسىسلەر، غەربىي- شىمالدىكى قۇملىشىش ھادىسىسى شۇ رايوندىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەرگە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتتىكى ئۆزگۈرۈش دائىرىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتامدۇ ؟

قۇملىشىش ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان قۇم بوران ھەم قۇم توزانلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، رايوننىڭ ھاۋا كىلىماتىغا تەسىر قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇھىت قوغداش ئىدارىسى 4 - ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2006- يىلىدىكى مۇھىت ئەھۋالى" ھەققىدىكى دوكلاتتا، 2006 - يىلى قۇم-توزاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھاۋا كىلىماتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى، بۇ بىر يىل ئىچىدە رايوندىكى بوستانلىقلاردا كۆپ قېتىم قۇم توزانلىق ھاۋا كىلىماتى پەيدا بولغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ليەنشى چېغىدا دائىرىلەرنى رايوننىڭ ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، شىنجاڭدا ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈچى ناھايىتى ئاجىز، دەپ ئاگاھلاندۇردى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، قۇم-توزانلىق ھاۋا كىلىماتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا قارىغاندا جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە كۆرۈلمەكتە ئىكەن.

قۇملۇشىشقا كىم سەۋەبچى ؟

مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇملىشىش سۈرئىتى تىزگىنلەنمىسە، بۇ خىتاينىڭ غەربىي - شىمالى ۋە شەرقىدىكى ئۆلكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ياپونىيە كيۇشىئو توكاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت پەنلىرى مۇئاۋىن پروفېسسورى، دوكتور مۇختەر چوڭ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ قۇملىشىشىنى تىزگىنلەش تېمىسى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇپراقنىڭ قۇملىشىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ چاڭ - توزان ھاۋا كىلىماتىغا سەۋەبچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇپراقنىڭ قۇملىشىش مەسىلىسى بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىلا خاس ئىنسانلارنىڭ سۈنئى پائالىيىتى سەۋەبچى بولىۋاتقان تەبىئەت ھادىسىسى ئەمەس. بۇ خىتاينىڭ غەربىي - شىمالى ۋە شىمالىدىكى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەم شەرقتىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئومۇمى ھادىسىدۇر.

خىتاينىڭ "يېڭى ئەسىر ھەپتىلىك ژورنىلى" يېقىندا ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ ئالاتاۋ ۋىلايىتىدە چىققان قۇم بوران ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، بۇ يەردە چىققان قۇم بوراننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە چىڭخەيگە قەدەر تەسىر قىلغانلىقىنى ھەم دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

جەنۇپتىكى شەھەرلەردە قۇم يېغىۋاتىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، 2006 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 5 قېتىم رايون خاراكتېرلىك قۇم بوران چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. لېكىن چەكلىك دائىرىدە قۇم بوران چىقىش ئەھۋالى 2005 - يىلغا قارىغاندا 25 قېتىم كۆپ چىققان. مۇئاۋىن پروفېسسور مۇختەر چوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپىيىۋاتقان قۇم توزان خاراكتېرلىك ھاۋا كىلىماتى ھەققىدە توختالدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا نۆۋەتتە خىتايدا تۇپراقنىڭ قۇملىشىش سۈرئىتى يىلىغا 4 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر تېزلىك بىلەن كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ دېگەنلىك ھەر ھەپتىدە 75 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى قۇملۇقلار پەيدا بولىۋاتىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

قۇملۇشۇش خىتايلارنىڭ ئىقتىسادى پائالىيەت ئۇسۇلى بىلەن ئالاقىدار

خىتاي مۇھىت ئاسرىغۇچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇملۇشۇش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىنى توساشنى ئويلاشقان ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن نەتىجە ئالالمىغان. گېرمانىيىدە ياشايدىغان مۇھىت ئاسرىغۇچى زات ۋاڭ ۋېيلو، مۇھىت مەسىلىسى خىتاي مىللىتىنىڭ ئىقتىسادى پائالىيەت ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغان خىتاي مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ، " جۇڭگودىكى قۇملىشىش مەسىلىسىنى نۇرغۇن جەھەتلەردە خەنزۇلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. تارىختىمۇ بۇنىڭ مىساللىرى بار. خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدە تەبىئەت ئۇنىڭ بىر قورالى. ئۇ ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بىر نەرسە، دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە تەبىئەتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نەرسە، دەپ ھېسابلايدۇ، "دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ "يېڭى ئەسىر ھەپتىلىك ژورنىلى" يېقىندا ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ ئالاتاۋ ۋىلايىتىدە چىققان قۇم بوران ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، بۇ يەردە چىققان قۇم بوراننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە چىڭخەيگە قەدەر تەسىر قىلغانلىقىنى ھەم دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

تارىختىكى خاندانلىقلار نىمە سەۋەبتىن ھالاك بولغان ؟

ۋاڭ ۋېيلونىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك خانلىقلار تەبىئىي ئاپەتلەردە ھالاك بولغان. ئۇلارنىڭ ھالاكىتى ياتلارنىڭ زېمىنىغا كۆچمەن كۆچۈرۈش ۋە قۇملىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇ، " ئەگەر بىز جۇڭگو تارىختىكى بىر قانچە چوڭ خانلىققا قارىساق، بولۇپمۇ خەن، تاڭ، مىڭ ھەتتا چىڭ خاندانلىقلىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ھالاكىتى قۇملىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. خەن ۋە تاڭ سۇلالىسىغا ئوخشاش خانلىقلار زېمىنىنى كېڭەيتكەن، ھەربىي قىسىملار بوز يەر ئېچىپ پۇقرالارنى يۆتكىگەن. خەنزۇلارنى يات مىللەتلەر ۋە سەددىچىن سېپىلى سىرتىدىكى غۇزلار زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ مىللەتلەر ئەسلى چارۋىچى خەلقلەر ئىدى. خەنزۇلار بولسا دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇلار ئاچقان بوز يەر 1 - يىلى ھوسۇل بەرگەن بىلەن، 3 - يىلدىن كېيىن قۇملىشىشقا باشلىغان. ئەينى چاغدىكى سەلتەنەتلىك خانلىقلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ئاپەتلەردە ھالاك بولدى،" دەيدۇ.

تۇراقلىق قۇم بەلۋىغىنى قوغداش كېرەك

مۇئاۋىن پروفېسسور مۇختەر چوڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى مۇھىت مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ قۇملىشىش مەسىلىسىنى تېز ئوڭشىمىسا، بۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەبچى بولۇشى مۈمكىن. ئۇ، قۇملىشىشنى تىزگىنلەشتە تۇراقلىق قۇم بەلۋېغىنى ئاسراشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت مۇھىت ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي- شىمالىي ئاسىيا ئەللىرىدە قۇم - بوران چىقىش ئەھۋالى 1950 - يىللارغا قارىغاندا 5 ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ ھادىسە داۋام قىلسا شەرقىي - شىمالى ئاسىيانىڭ تەبىئىي مۇھىتى تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىى ۋە خىتايدا تۇپراقنىڭ قۇملىشىش سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.(ئەركىن)