خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەھۋانىي ئۈن - سىن مەھسۇلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئىجرا قىلىنىشى ئۆزگىچە
2008.01.08
خىتاينىڭ ئۇچۇر - ەشرىيات مەھكىمىسى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 'شەھۋانىي ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش' دەپ ئاتالغان ئۈچ ئايلىق ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتتە بۇنداق بىر ھەرىكەت قوزغاش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى 2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تارقاتقان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى يىلدا قوزغىغان بۇ ھەرىكەتنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىشنى، يەنى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە پەسكەش شەھۋانىي ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى؛ 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە تەكشۈرۈلگەن ئەھۋالنى مەركەزگە يوللاشنى؛ 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە بولسا تەكشۈرۈپ تېپىلغان پەسكەش ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان كىشىلەرنى ۋە ئورۇنلارنى جازالاشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان 'شەھۋانىي ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش' دېگەن ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئىجرا قىلىنىشى قۇرئان ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى يىغىش، قارشىلىق بىلدۈرگەن كىشىلەرنى تۇتۇپ جازالاش، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە مىللىي ئەنئەنىلەرنى چەكلەشتىن ئىبارەت بولماقتا.
ھازىر نورۋىگىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۆمەر ھاجىمنىڭ بايان قىلىشىچە، توقسۇ ناھىيىسىدە قۇربان ھېيتىنىڭ ئالدى -كەينىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىلارغا ئەۋەتكەن 'ئونبېشى'، 'يۈز بېشى'، 'مىڭ بېشى' دەپ ئاتىلىدىغان 'يېڭى ئەمەلدارلار' ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىن قۇرئان ۋە دىنغا ئائىت كىتابلارنى يىغىپ كېتىشكە، نارازلىق بىلدۈرگەنلەرنى تۇتۇپ كېتىشكە باشلىغان.
نورۋىگىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۆمەر ھاجىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'ئونبېشى'، 'يۈز بېشى'، 'مىڭ بېشى' دەپ يېزىلارغا ئەۋەتكەن 'يېڭى ئەمەلدارلار' ئۇيغۇرلارغا ھېيتلاشماسلىق، جامائەت بولۇپ توپلاشماسلىق، مىللىيچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەسلىكنى جاكارلىغان.
نورۋىگىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۆمەر ھاجىمنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ ھەرىكەت باشلانغاندىن كېيىن، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارمۇ قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرىغان.
ھازىر نورۋىگىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۆمەر ھاجىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش ھەققىدىمۇ يېزا كادىرلىرىغا يەنە تېخىمۇ كونكرىت ۋە ئېغىر ۋەزىپە قويغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىزلار مەسىلىسى -- نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يولۇقىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى
- خىتاي ئەلچىخانىسى قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
- خىتاي پۇقرالىرى سىياسەتتىن سوۋۇۋاتامدۇ؟
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتى ھەققىدە
- خىتايغا بارغان ئىشلەمچى قىزلار نىمە ئۈگىنىپ كەلدى؟
- خىتاينىڭ، "خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ باي قىلىش" تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇرلار ئەمدى ئالدانمايدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشنى مۇددەتسىز داۋاملاشتۇرماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي جىددىيچىلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟
- رابىيە قادىر :خىتايغا نىسپەتەن ئۇنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغاننىڭ ھەممىسى توسالغۇ
- ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان قىزلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا
- خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە قەشقەرنىڭ توققۇزاقتىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ كەتكەن
- 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' ھەققىدە قوزغالغان بەس-مۇنازىرە