چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋەتەنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز نامىدىن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بايراملىق تەبرىكلىدى ۋە ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن شېھىت بولغان قەھرىمالىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەت بولۇشىنى تىلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى نۇري تۈركەل ئەپەندى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى، چوقۇم ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك ئىچىدە بايرام تەنەتەنىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋىتسىيىدە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق سەنئەتكار كۈرەش كۆسەن ئەپەندى قېرىنداشلىرىنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى ئۆزىنىڭ "سالام دەڭلار" دىگەن ناخشىسى بىلەن تەبرىكلىدى. تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ .