ۋەتەندە ھېيت ھەم غەم


2006.01.10
heyt.gif
ھېيت خوشاللىقى. بۇ ھېيتتا ھېيتگاھ مەسچىتىگە نامازغا كەلگەنلەر 20 مىڭدىن ئاشقان.

ئەزىز ھېيت ئەھلى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۇلۇغ قۇربان ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمگەن بۇ بەختىيار كۈنلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆز ۋەزىيىتى، قۇربىغا يارىشا قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىمەكتە ئەلۋەتتە.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل تەبىئى ئاپەت ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان نامۇۋاپىق سىياسەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلى مۇسۇلمانلىرىنىڭ خاتىرجەم بايرام قىلىشىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى نامەلۇم. بۇ ۋەجىدىن بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان ئاممىدىن قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سوراش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون ھەم بەزى نامرات يېزىلىرىدىن تا چوڭ شەھەرلىرىگىچە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

ھېيتگاھدىكى ساما

قەشقەر دىيارىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت، بولۇپمۇ مۇشۇنداق ھېيت كۈنلىرى ھېيتگاھقا نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يىغىلىپ ھېيت نامىزىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ياڭراق ناغرا سۇنايغا جۆر بولۇشۇپ قايناق ساماغا چۈشۈدۇ. مەستانىلەرچە ساماغا چۈشكەن ئۇيغۇرلار، بىر ۋاقىتتا ئوخشاش ئۇسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن خۇددى ئورتاق تىلەكلىرىنى تىلەۋاتقاندەك، بەزىدە نالە قىلغاندەك، ھارغىنلىقلىرىدىن ئازات بولۇۋاتقاندەك، ھەتتا بىر گۈزەل تۇيغۇدىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرام مەدەنىيىتىنىڭ بىر كۆرۈنىشى سۈپىتىدە تارىختىن بۇيان ساقلىنىپ، ھېيتگاھنىڭ بايراملىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ يىل ھېيتگاھ مەسچىتىدە ھېيت پائالىيىتى قانداق بولدى؟ ھېيتگاھ مەسچىتىدىكى ئىماملارنىڭ بىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھېيت نامىزىنىڭ سائەت سەككىز يېرىمدا باشلانغانلىقى، 20 مىڭدەك ئاممىنىڭ ھېيت نامىزىغا قاتناشقانلىقى ۋە ئاممىنىڭ نامازدىن كېيىن ساماغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە كىچىك بالىلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نامزغا كەلمىگەنلىكى ھەم بۇنىڭغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەلۋەتتە قۇربان ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى، ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاغا بولغان ئىبادەت يەنى ھېيت نامىزىدىن باشلىنىدۇ، بىراق مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىنىمۇ ئەركىن ئوقۇيالمىسا، بۇ جايدا دىننىي ئەركىنلىكتىن قانداقمۇ سۆز ئېچىش مۇمكىن بولسۇن.

قار ئاپىتى گۆش باھاسىنى ئۆرلەتتى

ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانلار، ئەڭ تۆۋىنى دادۇيجاڭلاردىن تارتىپ، ئوقۇغۇچى، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ناماز ئوقۇش پائالىيەتلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ھەتتا ھېيت نامازلىرىغىمۇ كىرگۈزمەيدۇ.

قۇربى يەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشى، قۇربان ھېيتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي قاتارلىق جايلىرىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتتىمۇ ؟ بۇنىڭغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى قۇشخانىدىكى بىر ئۇيغۇر قاسساپتىن جاۋاب ئالدۇق. ئۇ ئالتاي تەرەپلەردىكى قار ئاپىتىنىڭ گۆش باھاسىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى:

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئالتاي تەۋەسىدە قاتتىق قار يېغىپ ئاپەت يۈز بەرگەن ئىدى، ئاپەت ۋاقتىنچە تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى ھاۋارايى ئەھۋالى، قازاق مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيىت ئۆتكۈزىشىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتتى؟ بۇ ھەقتە ئالتاي شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر قازاق كىشى بىلەن سۆزلەشتۇق، ئۇ كىشى تاغلىق رايونلاردا بىر مېتىرچە قار يېغىپ ئاپەت ئېغىر بولغان بولسىمۇ ئەمما شەھەرگە ئۇنچە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى پەقەت گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نامراتلىق ۋە دىنىي بېسىم

ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن باشقا يەنە قازاق تۇڭگان ۋە باشقا مۇسۇلمانلارمۇ ئوخشاشلا بۇ قۇربان ھېيتنى بىللە تەبرىكلىمەكتە. سانجىدىكى بىر تۇڭگان كىشى، قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ ئانچە باياشاتچىلىقتا ئۆتمەيۋاتقانلىقى، مائاشى تۆۋەن بولغاچقا ئايالى ۋە بالىلىرىغا ھېيتلىق ئېلىپ بېرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ "خەنزۇلارنىڭ بايراملىرىدا ھۆكۈمەت ئۇلارغا ھەر خىل مۇكاپاتلارنى بېرىدۇو بىر نەچچە مىڭ ھەتتا ئون مىڭ يۇەن بېرىدىغان ۋاقىتلىرى بار ، لېكىن بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرتنىڭ بايراملىرىدا ھېچنىمە يوق" دەپ ئاغرىندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندىكىسدى يەنىلا نامرات يېزىلاردا ئولتۇرۇشلۇق، شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىغا تېلىفون ئۇرۇپ بۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى، ھەممە كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلالمايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھېيت نامىزىغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ نامازغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى، مەسچىتكە كىرگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تىزىملىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.