قۇربان ھېيت ھارپىسىدىكى ئەندىشە

بۈگۈن مۇبارەك قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇربان ھېيتقا تەييارلىق قىلىشماقتا. تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھارپا كۈنىدە قەبرىستانلىقلارغا بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن قېچىپ چىقىپ بۇ يەردە ۋاپات بولغان يېقىنلىرىنىڭ قەبرىستانلىقلىرىنى زىيارەت قىلىپ، دۇئا تىلاۋەت قىلىشماقتا.

بۇ ئۇيغۇرلار 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا ھاكىم بولغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق دەپ تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بەزىلىرى ئۆزى تۇغۇلغان يەرلەرنىڭ ئىسمىنى دەپ تۇرۇپ جان ئۈزگەن. بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئېلىپ بارماقتا.

بۇلار قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر خىل باھانىلار بىلەن ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيىتىنىمۇ راھەت ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار نامىدىن خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. (ئەركىن تارىم)