دىننىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قۇربان ھېيت

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار بۇ مۇبارەك قۇربان ھېيت نامىزىنى20 - دېكابىر ئەتىگەن سائەت 8 دە ئوقۇدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقاتقان تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە گەرچە، ئۇيغۇر ئېلىدا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھېيت بايرامنى ئىنتايىن باياشاتچىلىق، خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ ئەمما رادىئومىز ئىگە بولغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ يىلمۇ يىللاردىكىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھەتتا قۇربان ھېيت نامىزىغا بېرىشنىمۇ مەھرۇم قالغان.

ھېيتگاھتا ساما

قۇربان ھېيت ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدىغان دىننىي بايرام.بولۇپمۇ ئۇيغۇر لار بىر يىلدىكى ئەڭ چوڭ دىننىي ھەم مىللىي بايرام بولغان قۇربان ھېيتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەزەلدىن مېھماندوست خەلق بولغان ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى مول ھەم باياشات ئۆتكۈزۈشكە بالدۇرلا تەرەددۇت قىلىشقا باشلايدۇ. ھېيت كۈنى ھەممە سەھەر تۇرۇپ جابدۇنۇپ ئاياللار ھېيت داستىخانلىرىنى راسلاش بىلەن مەشغۇل بولسا، ئەرلەر بالا- چاقا، نەۋرىلەرگىچە ئەگەشتۈرۈپ ھېيت نامىزىغا ئالدىرايدۇ. نامازدىن كېلىپلا ئۆي ئۆيلەردە كىشىلەر قوي سويۇش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ شۇنىڭ بىلەن ھېيت رەسمى باشلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۆرۈپ ئادىتىدە، ھېيت نامىزى ئوقۇش ھەمدە قۇربانلىق قىلىش ئەڭ گەۋدىلىك ھەم مۇھىم بايرام شەرتلىرىدۇر. گەرچە ھەممە ئائىلە قۇربانلىق قىلالمىسىمۇ ئەمما ھېيت نامىزىغا بېرىش ئەر ئاتالغان ھەر قانداق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىگىدىن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان رەسمىيەتكە ئايلانغان.

يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي پائالىيەتلىرىگە تۈرلۈك چەكلىمىلەر قويۇپ، بەزى كاتىيگورىيىدىكى ئادەملەرنىڭ ناماز ئوقۇشلىرىنى چەكلىشى بىلەن مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئادا قىلىدىغان مۇسۇلمانلار ئاز بولسىمۇ ئەمما، ئەمما قۇربان ھېيت ھەم روزا ھېيت نامازلىرىدا مەسچىتلەر تولۇپ كېتىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كاتتا بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەمەلىي مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن دەسلەپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ جامە بولغان ھېيتگاھ مەسچىتىگە تېلېفون ئۇلىدۇق، جامەنىڭ ئامانلىق ھەم تازىلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

قوي باھاسى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئۆرلىدى

بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئىنتايىن تۇراقسىز ھالدا ئۆرلەپ ماڭدى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ،كورلا خوتەن قاتارلىق جايلاردا ھەر بىر كىلوگرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى 30 يۈەن ئەتراپىدا بولغان. بىز گۆش باھاسىنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە قانداق بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى بىر قاسساپ كىشىدىن مەلۇمات ئالدۇق.

ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، نۇرغۇن جايلاردا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، يىللىق ساپ كىرىمى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ئائىلىلەر يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئەگەردە قوي باھاسى بۇ كىشىنىڭ ئېيتقىنىدەك بولسا يەنىلا نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

نامازسىز قۇربان ھېيت؟

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى بارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ قۇربان ھېيت ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇربان ھېيتنى ئىنتايىن ئەركىن ھەم باياشات ئۆتكۈزگەنلىكى تەشۋىق قىلىنماقتا. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇربان ھېيتنى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك ئۆتكۈزەلىگەن ياكى ئۆتكۈزەلمىگەنلىكى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ھەم ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، دىنىي بايرام بولغان قۇربان ھېيت،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇغۇچىلار ھەم خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەتتا ھېيت نامىزىغا بېرىشنىمۇ چەكلىگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە بولغان چەكلىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، يىل بېشىدا ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشنى توسۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋالغان بولسا، روزا ھېيت ھەم قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلدى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خەۋەر بەرگىنىمىزدەك خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا ئون ئائىلىگە بىر باشلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەت ھەم كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن. (گۈلچېھرە)