گېرمانىيىدىكى قۇربان ھېيىت


2007.01.09

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ميۇنخېندىكى "بىر دۇنيا ئۆيى" ناملىق تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىنىڭ پائالىيەت مەركىزىدە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈلدى. 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى ھېيت نامىزىنى قۇرۇلتاي خىزمەت بىناسىدا توپلىشىپ ئوقۇپ، ئۆز-ئارا پەتىلىشىش بىلەن ھېيت ھوزۇرىغا چۆمگەن ئىدى. بىر ھەپتە كېچىكىپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت پائالىيىتىگە ميۇنخېن شەھىرى ۋە ئەتراپ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلاردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

7 – يانۋار چۈش سائەت 13:00 بىلەن تەنتەنە ئىچىدە باشلانغان ھېيتلىق پائالىيەت، كەچ سائەت 18 گە قەدەر داۋاملىشىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى. پائالىيەت مۇقەددىمىسىدە، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى. شۇنداقلا، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرىنىڭ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنى ئەيىبلىگەنلىكىگە قاتتىق رەددىيىلەر بەردى ھەمدە رابىيە قادىر خانىم ۋە ۋەتەن ئىستىقلالىيىتى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

بۇ قېتىمقى ھېيت پائالىيىتى ناخشا – ئۇسۇل بىلەن باشلىنىپ، ناخشا ئۇسۇل بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى ھېيت پائالىيىتىگە داخىل بولغان ئۇيغۇر جامائىتى، ھازىرغا قەدەر چەتئەلدىكى مۇساپىرچىلىق ھاياتتا، بۇنچىلىك كۆڭۈللۈك مىللىي سورۇننى كۆرمىگەنلىكىنى بىر ئېغىزدىن تەستىقلاشتى ۋە بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن د ئۇ ق غا رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.