قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرام كۈنى

قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايرام كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە چوڭ - كىچىك ھەممە خوشاللىققا چۆمىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆرىشەلمىگەنلەر، ئىزدىشەلمىگەنلەر ۋە ئارىدا رەنجىش يۈز بېرىپ بىر - بىرىگە قاراشمايدىغانلار بۇ مۇبارەك بايرامنىڭ شاراپىتى بىلەن بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، خۇشاللىقلىرىنى بىرگە تەنتەنە قىلىشىپ يايرايدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.12.08
Heyt-Namazdin-keyin-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بىر يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىككى ھېيت بولۇپ، بىرى روزا ھېيتى، يەنە بىرى قۇربان ھېيتىدۇر. ھەر ئىككى ھېيتتا ئىككى رەكەت ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەم شەھرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلېتىپ ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلېتىپ قۇربان ھېيت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: "قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش ھەم ساۋابلىق ھەم ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بىرى بۇ گۈزەل دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندىن باشلىنىپ ئۈچىنچى كۈنى ناماز ئەسىرنىڭ ۋاقتىغىچە داۋام قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىدىغان ماللار: قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق ھايۋانلار بولۇپ، قويدىن ئالتە ئايلىقتىن چوڭ بولغىنى، ئۆچكىدىن بىر ياشقا كىرگىنى، كالىدىن ئىككى ياشقا كىرگىنى، تۆگىدىن بەش ياشقا كىرگىنى قوبۇل قىلىنىدۇ. قۇربانلىقتا بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە بىر ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. بىر كالا ياكى بىر تۆگە يەتتە ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ."

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت كۈنلىرىدىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرى

ئابدۇلېتىپ ھاجىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت - ئايەم كۈنلىرىدىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: "ئۇيغۇرلار ھېيت كۈنلىرىدە ھەر بىر مەھەللە ئەزالىرى بىردىن جامائەت بولغان ھالدا، مەھەللىدىكى پۈتۈن ئائىلىنى بىر - بىرلەپ زىيارەت قىلىپ چىقىدۇ، جامائەت ھەر بىر ئۆيگە كىرگەندە، ئىمام ئاخۇنۇم دۇئاغا قول كۆتۈرىدۇ، جامائەتمۇ بىرلىكتە دۇئاغا قول كۆتىرىپ، ساھىبخاننىڭ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن داستىخانغا ئېغىز تېگىدۇ، قۇربانلىق گۆشكە ئالاھىدە ئېغىز تېگىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك - كىچىك پارچىلاپ پۈتۈن جامائەتكە تارقىتىلىدۇ ۋە ھەممىسى ئېغىز تېگىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلار ھېيتلاش دەپ ئاتايدۇ. ھېيت كۈنلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى يەنىلا بالىلار ئۈچۈن بولىدۇ. ھېيت كۈنلىرى چوڭلار كىچىكلەرگە ھېيتلىق بېرىدۇ، بالىلار ماددىي قىممىتى چوڭ بولمىسىمۇ، چوڭقۇر سۆيگۈ ۋە ئەڭ چوڭ خوشاللىق ئۈچۈن رەمزە قىلىنغان بۇ ھېيتلىقتىن بەختكە تولىدۇ ۋە يىلنىڭ ھەممىسى ھېيت بولسا ئىكەن دېيىشىپ خوشاللىققا چۆمىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە ھېيت كۈنلىرىدە باشتىن ئاياغ يېڭى كىيىم كىيىشنى ساۋابلىق ئىش قاتارىدىن سانىغانلىقتىن، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى يېڭى، پاكىز، ئېسىل ۋە چىرايلىق كىيىنىشكە زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى يېتىم - يېسىرلارنىڭ، كەمبەغەللەرنىڭ، ياشىنىپ قالغانلارنىڭ، كېسەللەرنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى قىلىدۇ. ھېيت - ئايەم كۈنلىرىدە ئۇلارنى يوقلايدۇ، ھېيتلىق پۇللىرى تارقىتىدۇ، ياردەم قىلىدۇ، بېشىنى سىلايدۇ. شۇنداق قىلىپ ھېيتنىڭ خوشاللىقىنى ھەممە بىرگە تەنتەنە قىلىدۇ."

قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى تەقسىم قىلىش ئۇسۇلى

ئابدۇلېتىپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن يەنە بىرى شۇكى، ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت كۈنىدە بىرەر مالنى كېسىپ قۇربانلىق قىلىش ئىشىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدۇ، قۇربانلىق قىلىشنى ئائىلىدىكى چوڭ خوشاللىق دەپ بىلىدۇ. شۇڭا مالنى كېسىدىغان ۋاقىتتا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى، خۇسۇسەن بالىلار ھەر بىرى قوينىڭ بىر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلار قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچكە بۆلۈپ، بىر ئۈلۈشىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ، يەنە بىر ئۈلۈشىنى مېھمان ئۈچۈن ھازىرلايدۇ، يەنە بىر ئۈلۈشىنى ئۆزلىرى يېيىش ئۈچۈن ئايرىيدۇ. بۇ گۈزەل ئەنئەنە سايىسىدا كەمبەغەللەر، ئۇرۇق - تۇغقانلار ۋە خوشنىلار ھەممىسى قۇربانلىقتىن نېسىۋىدار بولىدۇ ۋە خوشاللىققا ئىشتىراك قىلىدۇ.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.