قۇربان ھېيت ۋە قۇربانلىق قىلىش ھەققىدە

مۇبارەك قۇربان ھېيت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلەنمەكتە. ھېيتقا ئاتاپ قۇربانلىقلار قىلىنماقتا. ئۇنداقتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە ھېكمىتى نېمە؟ قۇربانلىق قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010-11-16
Share
Dua-qilish-305.jpg Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

-- قۇربانلىق قىلىش قانداق ئىبادەت؟

-- قۇربانلىق قىلىش ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملاردىن قالغان بىر سۈننەت بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ئاللا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى سىناش يۈزىسىدىن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئاللا يولىدا قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ بۇ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى بوغۇزلاشقا تەييارلانغان. ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللانىڭ بۇ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا رازى بولغان ھەمدە دەرھال بەجا كەلتۈرگەن. ئاللا بۇ ئىككى بەندىسىنىڭ سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلەپ ئاسماندىن بىر قوچقارنى ئۇلارغا ھەدىيە قىلىپ چۈشۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق بۇلارنى مۇكاپاتلىغان. ئاللا بۇ توغرىسىدا قۇرئان كەرىمىدە "بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى بېرىپ؛ سەبىي بالىنى ساقلاپ قالدۇق" دەيدۇ.

-- ئۇنداقتا قۇربانلىق قىلىش ئۆزىنى ئىسلام ئۈممىتى دەپ قارايدىغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپمۇ؟

-- سۈرە ھەجىنىڭ 28 ئايىتىدە: "كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللا ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا-- ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللانىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللانىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن. سىلەر قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، پېقىرغا بېرىڭلار." دېيىش ئارقىلىق قۇربانلىق قىلىشنى بۇنى قىلىشقا كۈچ قۇۋۋىتى يەتكەن يەنى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپ قىلدى. قۇربانلىق قىلىشقا كۈچى يەتكەن كىشىلەر قىلسا ساۋابى ناھايىتى كاتتا بولىدۇ.

-- بۇنىڭدا بىر ئائىلىدىكى ھەربىر كىشى بىردىن قۇربانلىق قىلامدۇ ياكى بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلامدۇ؟

-- ھەر بىر ئائىلە قۇي ياكى ئۈچكىدىن بىرنى قۇربانلىق قىلسا يېتەرلىك تۆگە، كالا، قوتاز قاتارلىق ھايۋانلاردىن بىرىنى يەتتە ئادەم شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسىمۇ بولىدۇ. قۇربانلىقنىڭ قىلىنىش ۋاقتى ھېيت نامىزىدىن يانغاندىن تارتىپ، تاكى ھېيتنىڭ 3 كۈنى كۈن پاتقىچە دۇرۇس بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن قىلىنغانلىرى قۇربانلىققا ھېساب قىلىنمايدۇ.

-- قۇربانلىق قىلغۇچى يەنە قايسى جەھەتلەردە تەييارلىق كۆرۈشى لازىم؟

-- پەيغەمبىرىمىزنىڭ، زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئونى كىرسە، قۇربانلىق قىلىشنى ئىرادە قىلغان كىشى قۇربانلىق قىلىپ بولغانغا قەدەر چېچىنى ئالدۇرمىسۇن، تىرنىقىنى ئالمىسۇن دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن، قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنىگە قەدەر چاچ - تىرناق ئېلىشتىن ساقلىنىدۇ.

-- ھايۋانلاردىن قايسى ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىنىدۇ؟

-- قۇرئاندا قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار ئەنئام دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇلار تۆگە، كالا، قوتاز، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت ئەركەك - چېشى ھايۋانلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدا دىققەت قىلىدىغان مەسىلە. سويۇلىدىغان مال ئەيىبسىز، سېمىز، چىرايلىق، بېجىرىم، چوڭ مال بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

-- قۇربانلىق ئىبادىتىنى ئورۇندىغۇچىلارغا ئاللا تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپات توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

-- "ئاللاغا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاغا يېتىدىغىنى پەقەتلا سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر. قۇربانلىق قىلىش مۆمىننىڭ پەرۋەردىگارىغا قىلغان تەقۋالىقنىڭ ئىپادىسى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "قۇربانلىقىڭنىڭ قېشىغا ھازىر بولغىن، ئۇنىڭ تۇنجى قېنى تېمىغان چاغدا ساڭا مەغپىرەت قىلىنىدۇ." دېيىش ئارقىلىق قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە يەنە "قۇربانلىقنىڭ چوڭىنى قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ، پىلسىراتتا سىلەرنىڭ مىنىدىغان نەرسەڭلار بولىدۇ." دەپ قۇربانلىق قۇي ياكى كالىنىڭ قىيامەتتە بىز ئۈچۈن قاتناش قورالى بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

-- ئۇندىن باشقا قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئاللانىڭ دەرگاھىدا يۈكسەك بىر مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن ھەدىسلەر كەلگەن. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ.

-- ھۈسەنجان سىزگە مەلۇم ياۋروپا شارائىتىدا قوي بوغۇزلاشقا شارائىت تاپالمىغان، ۋە ياكى قۇربانلىققا ئاتىغان پۇلنى ئۇنىڭدىن باشقا ئاللا رازى بولىدىغان يوللارغا سەرپ قىلىشنى ئويلايدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ھەقتە قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى باشقا ئىشقا ئىشلەتسىمۇ بۇلامدۇ؟ دەپ سوراۋاتىدۇ. ئىسلامدا بۇنىڭ ئالاقىدار قانداق ھۆكۈملەر بار؟

-- دىنىمىزدا ھەربىر ئىبادەتنى بېجىرىشنىڭ ئايرىم ئايرىم يوللىرى كۆرسىتىلگەن. قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتى بىر ھايۋاننى ئاللا يولىدا بوغۇزلاش بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. ئۆز ئورۇنلىرىدا قۇربانلىق قىلىشقا شارائىت تاپالمىغانلار شۇنىڭ پۇلىنى پېقىر مىسكىنلەرگە ئەۋەتىش ئارقىلىق شۇ يەردە قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى سەدىقە قىلىش بىلەن بۇ ئىبادەتنى ئورۇنلايدۇ. ئۇندىن باشقا يوللارغا باشقا ئىقتىساد ئاجراتسا بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت