بۇ يىل خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولۇپ ئىچىملىك سۇمۇ ئىنتايىن كەمچىل بولماقتا
2006.08.25
خىتاي دائىرلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يازدا، خىتاينىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا، ئۇدا 2 - 3 ئايغىچە قۇرغاقچىلىق بولۇپ، نۇرغۇنلىغان جايلاردا سۇ كەمچىلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. بولۇپمۇ يېزىلاردا ئىچىملىك سۇنىڭ سۇنىڭ كېمىيىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىرائەتلەرمۇ سۇسىزلىقتىن زور تەسىرىگە ئۇچرىدى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زىيان ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ زور بولدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە يەنە بۇ يىل خىتاينىڭ چۇڭچىڭ، سىچۇەن، ۋە گۈيجۇ قاتارلىق جايلىرىدا، 50 يىلدىن بۇيان بولۇپ باقمىغان ئېغىر دەرىجىلىك قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق رايون ۋە ناھىيىلەر، قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن، 2 يېرىم مىليارد يۈئەنلىك ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان. خىتاينىڭ غەربى رايونلىرىدا بولسا، قۇرغاقچىلىق ھالىتى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، يامغۇر مۇتلەق يوق دىيەرلىك ھالەتكە يەتكەن. رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كەلگەن تېلېفونلاردىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىمۇ قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولماقتا، بۇلۇپمۇ يېزىلاردا نەچچە ئايلاپ يامغۇر ياغمىغاچقا، زىرائەتلەر قۇرۇپ، دېھقانلارغا زور زىيان ئېلىپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.