د ۇ ق 2- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى
2007.07.27
2 - نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ 1 - قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى 5 - ئايدا گوللاندىيىنىڭ دەنھاگ شەھرىدە چاقىرىلغان ئىدى. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھرىدە سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ميۇنخېن شەھرىگە يېتىپ كەلگەن د ۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، د ۇ ق نىڭ باش شىتابىدا 26 - ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 6 بىلەن 2 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى جىددى چاقىرىلدى.
مۇددەتتىن بۇرۇن چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى پەۋقۇلاددە يىغىنغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى د ۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىبىدىكى ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە „ئولىمپىككە قارشى كومىتېت" نىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ 1 - كۈنى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن مەمنۇن بولغان رابىيە قادىر خانىم ئۆز پىكرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى. رابىيە قادىر خانىم يەنە بۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ د ئۇ ق غا بولغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۈنۈملۈك خاتىمە بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. يىغىننىڭ 1 - كۈنىدە، دۇق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلدى.
ھازىرغا قەدەر ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قۇرۇلتاي خىزمەتلىرىنىڭ سىرتىدا قالغان ۋەتەنپەرۋەر زاتلار قۇرۇلتاي تەركىبىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى ۋە تېگىشلىك ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندى. سابىق شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرستان) مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى د ۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قۇرۇلتاي باش شىتابىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكالەتچىلىكىگە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى دۇق فوندىنىڭ ياردەمچى مەسئۇللىقىغا ۋە يەنە ئونلىغان زىيالىيلار قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە ئامېرىكا، كانادا، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە قۇرۇلتاي ۋەكالەتچىلىرىنى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى خادىملىرىنى كۆپەيتىپ تەيىنلەش ھەققىدە قارار ئېلىندى.
رابىيە قادىر خانىم يىغىننىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلىرىنىڭ د ۇ ق غا بولغان سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلىرىدىن ھەر زامان ھۇشيار بولۇشقا چاقىردى ۋە ھەر بىر ۋەكىلدىن ئۆز زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىلەرنى بىجانىدىل ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلدى.(ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ھەققىدىكى قاراشلار
- گېرمانىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا رابىيە قادىر خانىم
- رابىيە قادىر خانىم "گۈلدۈرماما" ناملىق كىتابى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا
- "قۇتلۇق بولسۇن ئۇيغۇرلار، قۇتلۇق بولسۇن رابىيە ئانا!" ناملىق ئوچۇق خەت ھەققىدە سۆھبەت
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن، دولقۇن ئەيسا سۆھبەتتە
- رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇراسىمى توغرىسىدا
- رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلىمۇ ياكى جىنايەتچىمۇ؟
- خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى نامايىشقا دۇچ كەلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئىنكاسىنى تەنقىد قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن بولغان تارىخى خاراكتېرلىق ئۇچرۇشۇشنى تۈگۈتۈپ ئامېرىكىغا قايتتى