د ئۇ ق نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى


2007.07.30

26 - ئىيۇل كۈنى باشلانغان د و ق نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى 27 - ئىيۇل كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. د و ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى دىققىتىمىزگە سۇندى.

جىددىي چاقىرىلغان يىغىن غەلىبىلىك بولدى

رابىيە قادىر خانىم، ئالدى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن جىددىي چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى سەمىمىزگە سالدى.

رابىيە قادىر خانىم، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر مۇجادىلە ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەشۇ مۇجادىلىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، بۇ رېئاللىقنى تونۇغان ئاساستا، د و ق نى ئايرىم ۋە يېڭى قۇرۇلغان بىر ئورگان ئەمەس، بەلكى 1992 - يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ داۋامى دەپ تونۇشنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى يىغىن ئەھلىنىڭ مۇھاكىمىسىگە سۇندى ۋە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىردەك تەستىقى بىلەن، بۇ ھەقتە قارار قوبۇل قىلىندى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، قۇرۇلتاي تەشكىلى قۇرۇلمىسىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللەشكەنلىكىنى ھەمدە ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىچكىي قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقىنىڭ كۈنسىرى يېڭى قىياپەت ۋە ھالەتلەرگە كىرىۋاتقانلىقىنى، د ۇ ق نىڭ بۇنىڭغا مۇناسىپ رەۋىشتە يېڭىچە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە پىلان - لايىھىلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

"د ئۇ ق ئولىمپىككە قارشى كومىتېتى" خادىملىرى تەپسىلى ۋەزىپىلەندى

27 - ئىيۇل كۈنى يەنە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى ئەتراپلىق مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم "د ئۇ ق ئولىمپىككە قارشى كومىتېتى" نىڭ پىلان - لايىھىلىرىگە نىسبەتەن يۇقۇرى باھا بەردى.

رابىيە قادىر خانىم، مۇددەتتىن بۇرۇن چاقىرىلغان بۇ پەۋقۇلاددە يىغىننىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى، پات ئارىدا د ۇ ق نىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە خۇشخەۋەر يوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە قۇرۇلتاي فوندىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش، ئۇيغۇرلۇق بەدىلىنى پۈتكۈل دۆلەتلەردە ئەمەلىلەشتۈرۈش، قۇرۇلتاي مەركىزى ئاپپاراتىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش ھەمدە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى دۇنيا مىقياسىغا كېڭەيتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قارارلار قوبۇل قىلىندى.

يىغىندا يەنە، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى خادىملىرىغا، ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىۋىگە تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن خادىملار ۋە "ئولىمپىككە قارشى كومىتېت" خادىملىرى تەپسىلى ۋەزىپىلەندۈرۈلدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا، مىللىي تەشۋىقاتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ نەشىر ئەفكارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئايلىق ياكى قوش ئايلىق بىر تەشۋىقات قورالىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ھەققىدىمۇ قارار قوبۇل قىلىندى.(ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.