ئىككى چوڭ يىغىننىڭ داغدۇغىسى چوڭ، ساقچىلارنىڭ خەلقنى تۇتقۇن قىلىشى كەڭ كۆلەملىك

بېيجىڭدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن مەزگىلى يەنە يېتىپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى چوڭ يىغىن ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتىدىن ئېتىبارەن تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ چوڭ يىغىن مەزگىلىدە بېيجىڭدە ھازىرمۇ خەلقنى تۇتقۇن قىلىش داۋاملاشماقتا.

ئىككى چوڭ يىغىندا ھۆكۈمەت دوكلاتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلار قاراپ چىقىلىدىكەن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلق ئىچىدە "تىزىپ قويىدىغان تەشتەكلەر" ياكى "رىزىنگە تامغۇ" دەپ ئاتىلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ئورگاننىڭ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېسابات دوكلاتى ۋە دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، كىرىمنى تەقسىم قىلىش تۈزۈمى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ياخشىلاش، نامرات رايونلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر قاراپ چىقىلىدىكەن.

شۇنداقلا ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان راي سىناشتا چۈشكەن 5 چوڭ مەسىلە، يەنى خىتاينىڭ پاي بازىرىنى قانداق قىلىپ تۇيۇق يولدىن چىقىرىۋېلىش مەسىلىسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ۋە ئىجىمائى تازىلىق مەسىلىسى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى، مائارىپ مەسىلىسى قاتارلىق 5 چوڭ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلقنى تۇتقۇن قىلغان

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى چوڭ يىغىندىن بۇرۇن "ئىناق جەمىيەت قۇرۇپ چىقىمىز" دەپ جاكالىغان ئىدى. ئەمما يەر - زىمىنىدىن مەھرۇم قالغان، ئۆي - تۇرالغۇلىرى مەجبۇرىي ھالدا چېقىپ تاشلانغان خەلق ناھەقچىلىققا چىدىماي، يۇقۇرىغا ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ئايىغى ئۈزۈلمەي بېيجىڭگە كەلمەكتە.

ئۇلار مۇشۇ ئىككى چوڭ يىغىن مەزگىلىدە "خەلق ۋەكىللىرى" نى تېپىپ دەرت ئېيتماقچى. ئەمما ئۇلار بېيجىڭغا كەلگەن ھامان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنماقتا. ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى، پويىزلاردا، پويىز سىتانسىلىرىدا ۋە دەرت ئەيتقۇچىلار توپلانغان جايلاردا، ساقچىلار كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان.

جاڭ فامىلىلىك بىر ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، كەچ سائەت 9 - 10 لاردا ساقچى ماشىنىلىرى كەلدى، ساقچىلار توپ ھەرىكەت قىلىپ ئادەم تۇتتى. ئەرىز قىلغىلى كەلگەن كىشىلەرنى تىز سۈرئەت بىلەن تۇتۇپ، ئۇرۇپ، بەزىلەرنى بىرنەچچە ساقچى بىرلىكتە تۇتۇپ، سۆرەپ ئاپتوموبىللارغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى. مەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئادەم سانى بىرنەچچە يۈزگە تېتىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ قېتىمدا ئوخشىمىغان ئورۇندىن تۇتقۇن قىلىنغان ئادەم سانىنى جەملىگەندە 1000 دىن ئاشىدۇ.

يەنە بىر ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ساقچى ماشىنىلىرى يەنە كېلىپ ئادەم تۇتقان. بۇ قېتىم ساقچىلار تۇتقىلى كەلگىچە ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەن ئادەملەر خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىرمۇنچە كىشى تۇتۇلۇپ قالدى. چۈنكى ئەرىز قىلغىلى كەلگەن ئادەم ناھايىتى كۆپ.

خەۋەردە ئەيتىلىشىچە، ساقچىلار چارشەنبە كۈنىمۇ يەنە ئادەم تۇتقان. بىر ئايال مۇنداق دېگەن: "ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇققا ھۈرمەت قىلىشنى بۇلتۇر ئىككى چوڭ يىغىندا بىرىنجى ماددا قىلىپ جاكارلىغان ئىدى. نېمىشقا ئەمەل قىلمايدۇ" دەپ ساقچىلاردىن سورىدۇق. ساقچىلار "بىزمۇ بۇنداق ئادەم تۇتۇشنى خالىمايمىز، ئەمما ئادەم تۇتۇشنى ئۇرۇنلىمىساق جان باقالمايمىز، ئەگەر يىغىن ئاچقان جايغا بارماسلىققا، ۋەكىللەرنى ئىزدىمەسلىككە ۋەدە بەرسەڭ، بىز سىنى تۇتمايمىز" دېگەن.

شاڭخەيلىك بىر ئايالنىڭ "پويىزغا چىققان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرىدۇ، ئەرىز قىلىدىغانلىقىنى بىلىپلا ئالسا تۇتۇپ كېتىدۇ. مەن شاڭخەيدىن باشقا جاي ئارقىلىق قېچىپ كەلدىم" دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت بۇ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئادەم تۇتۇشقا 650 مىڭ يۇشۇرۇن ساقچى تەشكىللىگەن.

ئۈرۈمچىدە يۈزلىگەن ساقچى ئاپتومات كۆتۈرۈپ گۆزەت قىلىدىغان بولدى

ئۇلۇغ ئىرا گېزىتىدە ئىككى چوڭ يىغىن مەزگىلى دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇ كۈنلەردە، بېيجىڭگە باشقا ئۆلكىلەردىن دەرت ئەيتقىلى كەلگەن خەلق ھەققىدە تارتىلغان رەسىملەر بېسىلدى.

ئۇنىڭدىكى كۆرۈنۈشلەردە بېيجىڭنىڭ كوچىلىرىدا مېيىپلار ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، قولىدا ئەرىز خېتىنى كۆتىرىۋالغان بوۋايلارنىڭ كۆرۈنىشى بار. دەرت ئەيتقىلى كەلگەنلەر بىر جايغا توپلىنىپ قولىدا ئەرز خەتلىرىنى كۆتۈرىۋېلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆرۈنىشى بار. ساقچىلار تىئەنئەنمېن مەيدانىدا يۇلۇچىلارنى كېيىم - كېچىكى ۋە گەپ سۆزىگە قاراپ سىرتتىن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلسىلا، توسىۋېلىپ يانلىرىنى ئاختۇرۇپ سوراق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بار.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆتكەن ھەپتىدە "خىتاينىڭ مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىسى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب" ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھازىرقى ئىككى چوڭ يىغىن مەزگىلىدە بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ۋەزىيەت ئىنتايىن سەزگۈزلەشكەن. بۇ گېزىتكە يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئاۋات بازارلاردا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ناغرا - سۇناي چېلىپ بەزمە قىلىۋاتقاندا ساقچىلار ئاپتومات كۆتۈرۈپ گۆزەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بېسىلغان.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە بېسىلغان خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ساقچىلارنىڭ گۆزەت قىلىش شەكلىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگۈرۈش بولغان. ھازىر ساقچىلار ھەتتا يۈزدىن - يۈزدىن بولۇپ كۇچىلاردا، بولۇپمۇ ئاۋات كۇچىلاردا گۆزەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوراللىرىدىمۇ چوڭ ئۆزگۈرۈش بار. ئۇلار ئاپتوماتلارنىلا ئەمەس، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قاتارلىق باشقا قوراللارنىمۇ كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. بۇنداق كۆرۈنۈش ئۈرۈمچىدە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى.

"شىنجاڭ گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قويغان باش ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇئەن ئەپەندى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش نەمۇنۇچىلىرى دەپ ئاتالغان كىشىلەرگە بەرگەن يوليۇرۇقىدا "بىزنىڭ بۆگۈنچىلەر بىلەنكى كۆرىشىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك ، مۇرەككەپ، جىددى كۆرەش، يا ئۇلار تۇرىدىغان يا بىز تۇرىدىغان جىددى ئېلىشىش" دېگەن. (ۋەلى)