خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن بۇيىل 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى باشلىنىدىكەن. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، شىنجاڭ خەۋەر تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 60 نەپەر ۋەكىلنى باشلاپ بېيجىڭگە مېڭىش ئالدىدا ئۇلارغا رامكا بەلگىلەپ 'بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا 11 - بەش يىللىق پىلان لايىھىسى تەكشۈرۈپ كۆرىلىدۇ، بىز ۋەكىللەر يىغىندا مۇقىملىقنى ساقلاپ سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن چارە- تەدبىر تەقدىم قىلىشىمىز لازىم' دېگەن. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى ۋاڭ لېچۇەن قاتارلىق ئاپتونوم رايۇن ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلدى.
ئىككى چوڭ يىغىن باشلىنىش ئالدىدا تەشۋىقات مىنىستىرلىكى 20 تۈرلۈك چەكلىمە چىقارغان
بېيجىڭدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىكى مەتبۇئاتلاردا نېمىنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە رامكا بەلگىلەپ، 50 يىلدىن بۇيانقى ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە دائىر ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىماسلىق، خىتاي -ياپون مۇناسىۋىتىگە دائىر ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىماسلىق، جوڭگو ئارمىيىسىنىڭ قورال-ياراغلىرىنى ماختىماسلىق، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئەھۋالىنى ۋە جوڭگونىڭ سىياسىي -قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىماسلىق قاتارلىق 20 تۈرلۈك چەكلىمە چىقارغان. دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بەلگىلىمىلەرنى مۇھىم تارىخى مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان.
تيەنئەنمېن ئانىلىرى تەشكىلاتى جىددى ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا، ۋاڭ لېچۇەن ئاياللارنى سوتسىيالىزىم ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا چاقىرغان
بېيجىڭدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن باشلىنىش ئالدىدا، 1989 - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا بالىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئانىلار تەشكىلاتى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۇچۇق خەت يېزىپ، بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلاشقا قىستاۋاتقاندا، ۋاڭ لېچۇەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئايال ۋەكىللەرگە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنى سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا چاقىرغان. دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىدە پەرق بار. ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئايال ۋەكىللەرگە قىلغان چاقىرىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ياش ئەۋلادلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. (ۋەلى)