دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا بولدى


2007.05.10

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

9-ماي كۈنى رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قەھرىمان غوجام بەردى، ئەسقەرجان قاتارلىق بىر قىسىم رەھبىرىي خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىك رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقانلار بېلگىيىدە، ياۋروپا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان.

بۇ زىيارەتتە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.