ياۋرۇپا پارلامېنتىغا تۆكۈلگەن كۆز يېشى

0:00 / 0:00
Interl_crt_justice-200.jpg
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى خەلىق - ئارا ئالى سوت مەككىمىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا. سۇرەتلەرنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەمىنلىگەن. Photos are by Ekrem/RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن گوللاندىيىنىڭ دەن خاگ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېمۇكىراتىيە ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ 50 تىن ئارتۇق رەھبىرى خادىملىرى يىغىن تەرتىۋى بويىچە 10 - ماي كۈنى بېلگىيە پايتەختى برۇسسېلىسقا يېتىپ كېلىپ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولغان.

ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالغان ياۋرۇپا پارلامېنتى خادىملىرى " ئۇيغۇرلارنىڭ يېتىم ئەمەسلىكىنى، مەزكۈر پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ جىددىي ئويلۇنۇش باسقۇچىدا ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پارلامېنتتا ناھايىتى مۇھىم قارارلار ئېلىنغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ ئۇيغۇرلاردا ھاياجان قوزغىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ھاياجانلىق زىيارىتى ھەققىدە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەپسىلى خەۋىرى بېرىدۇ.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ تەپسىلى خەۋىرىنى ئاڭلاڭ.