ياۋروپا بىرلىكى ئۇيغۇرلاردىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ؟


2007.05.17

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر، 10 -ماي كۈنى بېلگىيىدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.

بۇ ئۇچرىشىشتا، ياۋروپا پارلامېنت خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قىزغىن سۆھبەتتە بولغان. سۆھبەت جەريانىدا، ياۋروپا پارلامېنت خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىغان، ياۋروپا پارلامېنتىدا بولغان بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.