تۇرپان شەھىرىدە ئۆي قۇشلىرىنى ئىستىمال قىلىش خەتەرلىك بولۇپ قالدى


2008.01.07

UyghurBirdflu010408-200.jpg
ئەجەللىك H5N1 تىپلىق قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بايقلغان تۇرپاننىڭ خەرىتىدىكى كۆرۈنۈشى. RFA Photo >> خەرىتىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنۈشى

تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت يولى ئىش باشقارمىسى تەۋەلىكىدىكى بىر مەھەللىدە ئۆي قۇشلىرىدا بايقالغان كېسەللىكنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن بۇيان، دائىرىلەر تۇرپان شەھىرىدە ئۆي قۇشلار بازىرىنى تاقىغان شۇنداقلا ئىدىقۇت يولى ئىش باشقارمىسى تەۋەلىكىدىكى مەھەللىلەردە كارانتىنغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بايقالغان كېسەللىكنىڭ H5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان

خىتاي دۆلەتلىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت يولى ئۈزۈمزار مەھەللىسىدە بايقالغان كېسەللىكنىڭ H5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ۋىرۇس بايقالغان جاي ۋە قوشنا مەھەللىلەردە ئۆي قۇشلىرىنى يوقىتىش، ئۆي قۇشلىرى سودىسىنى چەكلەش ۋە توخۇ كاتەكلىرىنى دىزىنپىكسىيە قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ۋىرۇس بايقالغان رايوننىڭ 3 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە ياشايدىغان ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا بەرگەن خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، شەنبە كۈنى ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى توختاتقان.

دائىرىلەر 5 - يانۋارغا قەدەر تۇرپان شەھىرىدە ئاز دېگەندە 35000 ئۆي قۇشىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 26 مىڭ ئۆي قۇشى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى ئۆي قۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۇرپان شەھىرىدىكى بىر يەرلىك ھۆكۈمەت كادىرى، رادىئومىزغا ۋىرۇس بايقالغان جايلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە مىللىي تېررىتورىيىلەر ئىچىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جايلار ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جايلارنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

يەرلىك دائىرىلەر تۇرپاندا پارتلىغان بۇ قېتىمقى قۇش زۇكام ۋەقەسىدە ۋىرۇس بايقالغان جاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بار جايلاردىكى 23 مىڭ ئۆي قۇشىغا ھەقسىز مەجبۇرىي ئىمۇنىتلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تۇرپان شەھىرىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى كادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۆكۈمەت ئۆلتۈرۈلگەن ئۆي قۇشلىرىنى تۆلەپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن، لېكىن قانچىلىك تۆلەيدىغانلىقىنى ھازىرغا قەدەر بېكىتمىگەن.

ئادەملەرنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالمىدى

قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئادەملەردىن ئادەملەرگە يۇقۇش ئېھتىمالى ب د ت سەھىيە ئورگانلىرىنى ئەڭ جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان مەسىلە بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىر قېتىم خىتاينى "قۇش زۇكىمىنىڭ ۋىرۇس ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلەشكە پەرۋاسىز قارىدى،" دەپ تەنقىدلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قۇش زۇكام ۋىرۇسى پارتلاش، ۋىرۇسنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇش ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ كەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن بۇ تۈردىكى ھادىسىلەرنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تىلغا ئالماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئىلگىرى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا پىچاندا يۈز بەرگەن قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقىلىش ۋەقەسىنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكى " دېگەن ئىدى. تۇرپاندا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئىدىقۇت يولى ئىش باشقارمىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى ما يۇڭجىڭ، ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىشنى رەت قىلىپ، لېكىن ئۈزۈمزار مەھەللىسىدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئادەملەرنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۇئالىمىزغا " بۇ ۋەقە توغرىسىدا مەن بايانات بېرەلمەيمەن. سىز قوماندانلىق ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىڭ. بىز پەقەتلا ئىش باشقارمىسى. بۇنىڭغا قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش قوماندانلىق ئىشخانىسى جاۋاب بېرەلەيدۇ " دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

ۋىرۇسنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇش ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ما يۇڭجىڭ، ئۆي قۇشلىرىنى ئىمۇنىتلىغان دورىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، بۇنى قوماندانلىق ئىشخانىسىدىن سورىشىمىزنى ئۆتۈندى. لېكىن قوماندانلىق ئىشخانىسىدا بولسا تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى قۇش زۇكام ۋەقەسىدە ئۆي قۇشلىرىنى قانداق دورىلاردا ئىمۇنىتلىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتايدا بۇرۇن بەزىلەر ئۆي قۇشلىرىنى ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان دورىلاردا ئىمۇنىتلىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپى تېپىلمىدى

ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەمەت ئەپەندى رادىئومىزغا ئىمۇنىتلاش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جاينىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىنى كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە تۇرپان شەھىرىنىڭ ھەر قايسى كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ كېڭىيىشىنى توسىماقچى بولۇۋاتىدۇ. تۇرپان شەھىرىدىكى يۇقىرىقى ئۇيغۇر كادىر، تۇرپان شەھەر ئىچىدە ئۆي قۇشلىرى بازىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

رادىئومىزغا ھازىرغا قەدەر قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپى تېپىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەمەت ئەپەندى، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ۋىرۇس بايقالغان رايوننى كارانتىن ئاستىغا ئېلىش، ئادەملەرنىڭ ئىمۇنىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت يولى ئۈزۈمزار مەھەللىسىدىكى بىر توخۇ فېرمىسىدا توخۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھايۋاناتلار كارانتىن پونكىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. خىتاي دۆلەتلىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسى بولسا ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئەجەللىك زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكىنى 3 - يانۋار كۈنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.