ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەجەللىك قۇش زۇكامى بايقالدى


2005.06.09
CHINA-HEALTH-FLU-42.jpg

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك شەھىرىدىكى بىر غاز فېرمىسىدا، قۇش زۇكام ۋىروسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىروسى تارقىلىش ۋەقەسىنىڭ خىتايدا 2 - قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگرىداش چىڭخەيدە قۇش زۇكام ۋىروسى بايقالغانلىقىنى جاكارلاپ، 1000 لارچە قۇشنىڭ مەزكۇر زۇكام ۋىروسىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ۋىروس بايقالغان جاي قامال قىلىندى

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چۆچەكتىكى غاز فېرمىسىدا ئەجەللىك زۇكام ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان غازلارنىڭ سانى 1500 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ 406 سى ئۆلگەن. 1042 سىدا كېسەللىك ئالامىتى بايقالغان.

ئەجەللىك زۇكام ۋىروسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىدىن ئەنسىرىگەن دائىرىلەر، مەزكۇر فېرمىدىكى 13000 دانە غازنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر كېسەللىك بايقالغان جاينى قامال قىلىپ، دېزىنفىكسىيىلەش ئېلىپ بارغان شۇنداقلا ئەتراپتىكى ئۆي ھايۋانلىرىغا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىلىرىنى ئۇرغان.

ئۆي ھايۋانلىرى بازىرى تاقالغان

بىز مۇشۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدۇق، ھازىر چۆچەكتىكى ئۆي ھايۋانلىرى بازىرى تاقىۋېتىلدى.

چۆچەكتىكى بىر خىتاي تىجارەتچى خوتۇن، دائىرىلەرنىڭ چۆچەك شەھىرىدىكى ئۆي ھايۋانلىرىنى سېتىش بازىرىنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ بۇ ھەقتىكى سۇئالىمىزغا " بىز مۇشۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدۇق، ھازىر چۆچەكتىكى ئۆي ھايۋانلىرى بازىرى تاقىۋېتىلدى،" دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خەۋەرنى ئۇ چۆچەكتىكى گېزىت ۋە رادىئو - تېلېۋىزورلاردا ئاڭلىمىغان.

خىتاي دۆلەتلىك قۇش زۇكام ۋىروسى تەجرىبىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك شەھىرىدىكى غاز فېرمىسىدا ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسىنى H5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش قۇكام ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، دائىرىلەر يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ب د ت نىڭ زىرائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئورگىنى شۇنداقلا خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى مۇناسۋىئەتلىك ئورگانلارغا ئۇقتۇرغان.

ھازىرغىچە ئادەملەردە بايقالمىدى

چۆچەك ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىكى بىر خادىمى، ئەجەللىك قۇش زۇكامى چۆچەك شەھىرىنىڭ 30 كىلومېتىر نېرىسىدىكى شەرق شامىلى كوممۇناسىدا بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەھىيە خادىمىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىكى بىر گۇرۇپپا خادىمنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەۋەتكەن. ئۇ خادىم يەنە، ھازىرغا قەدەر قۇش زۇكام ۋىروسىنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇش ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما كېسەللىك ئەھۋالى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەلۇم بولىدىكەن.

خوڭكوڭغا ئۆي ھايۋانلىرى ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى

بۇ خەۋەر رايوندا چىقىدىغان ئۇيغۇرچە ۋە خىتاي تىلىدىكى گېزىت - ژورنال ۋە مەتبۇئاتلاردا پەيشەنبە كۈنىگە قەدەر ئېلان قىلىنمىدى. ئەمما بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خوڭكوڭغا غاز قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقان.

خوڭكوڭ سەھىيە پاراۋانلىق ۋە يىمەك - ئىچمەكلەر ئىدارىسى باياناتچىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى چۆچەكتىكى غاز فېرمىسىدا ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىروسى بايقالغانلىقىنى خوڭكوڭ دائىرىلىرىگە ئۇقتۇرغان. ئەمما خوڭكوڭ سەھىيە پاراۋانلىق ۋە يىمەك - ئىچمەك ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، خوڭكوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۆي قۇشلىرى ئىمپورت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، چۆچەكتىكى قۇش زۇكام ۋىروسى خوڭكوڭنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىروسى، ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرى چىڭخەينىڭ گاڭسا قاتارلىق جايلىرىدا بايقالغان ئىدى. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مەزكۇر زۇكامدا ئۆلگەن قۇشلارنىڭ 1000 دىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى چىڭخەي بىلەن چۆچەكتىكى قۇش زۇكام ۋىروسىنى بىر- بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئايرىم - ئايرىم ۋەقە، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.