خىتاي ھۆكۈمىتى "ئامانتىدىن" نى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلىتىشكە تەرغىپ قىلغانلىقىنى رەت قىلدى


2005.06.22

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى ئوبلاستىدىكى بىر باقمىچىلىق فېرمىسىدا ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ باقمىچىلارنى ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دورىسىنى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلىتىشكە تەرغىپ قىلغانلىقىنى رەت قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دورىسى "ئامانتىدىن" نى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلىتىش، ھايۋان بەدىنىدىكى ۋىرۇسنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.

قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئادەملەرگە يۇقمىغان

سانجىدا بايقالغان قۇش زۇكام ۋىرۇسى خىتاي بويىچە ئىككى ئاي ئىچىدە 3 - قېتىم، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 - قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم چۆچەكتىكى بىر باقمىچىلىق فېرمىسىدا بايقالغان مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. ب د ت يىمەك ئىچمەك ۋە زىرائەت ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سانجىدىكى باقمىچىلىق فېرمىسىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان غاز ۋە ئۆدەكلەر سانى 128 بولۇپ، H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرىنىڭ سانى 63 كە يېتىدىكەن.

زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان پېرما ۋە سانجى ئەتراپىدىكى جايلاردا 1500 قۇش ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ب د ت يىمەك - ئىچمەك ۋە زىرائەت ئورگىنىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلى نۇرەددىن مونانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى سانجىدا بايقالغان ۋىرۇسنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ئادەملەر يۇقۇملۇنۇش ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى "ۋاشىنگتون پوچرا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى

خىتايدا دىھقانلارنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئامانتىدىننى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى باقمىچىلارنى ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دورىسى ئامانتىدىننى، ئۆي ھايۋانلىرىدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرگەن، دېگەن خەۋىرى توغرا ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، "جوڭگو ھۆكۈمىتى ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دورىسىنى، ئۆي ھايۋانلىرىدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى شۇنداقلا ھايۋانلاردىكى كېسەللىككە قارشى ئىشلىتىشكە يول قويغان ئەمەس،" دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تەكشۈرۈدىكەن.

ئامانتىدىننى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلىتىش خەلقئارا تىببىي ئۆلچەمگە خىلاپ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خىتايدا دېھقانلارنىڭ ئامانتىدىننى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلەتكەنلىكى راست بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلماقتا. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، دېھقانلار مەزكۇر دورىنى ھايۋانلارغا ئوغرىلىقچە ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئاماتىدىننى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلەتسە ئادەملەرگە كار قىلمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلى خەنك بېكىدام، " بۇ يەردىكى ئەندىشىمىز، ئەگەر ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ھايۋانلارغا ئىشلەتسە، ھايۋانلاردىكى ۋىرۇس دورا بىلەن ئۆزلىشىۋالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئادەملەرگە كار قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي د س ت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى رەت قىلغان

بۇ ئارىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى دۈشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ بارغان. تەكشۈرۈش ئۆمىكى خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. "ۋالل سترەئەت جوئۇرنال" گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى باياناتچىسى روي ۋادىيەنىڭ تەكىتلىشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى چۆچەك بىلەن سانجىدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. "ۋالل سترەئەت جوئۇرنال" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە نېمە ئۈچۈن يول قويمىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ئەمما روي ۋادىيە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈمىدىنى " دائىرىلەر تەلىپىمىزنى تېزراق تەستىقلىغان بولسا ياخشى بولاتتى،" دەپ تىلغا ئالدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.