تۈركىيىدىكى قۇش زۇكىمى بايقالغان يېزا كارانتىن قىلىندى


2005.10.11

تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تۈركىيىدە تۇنجى قېتىم قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قۇش زۇكىمى بايقالغان يېزىنى كارانتىن ئاستىغا ئېلىش داۋام قىلماقتا. دائىرىلەر كىشىلەرنىڭ بۇ يېزىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىپ، بۇ يېزىدىن چىقىدىغان ماشىنىلارنىمۇ دېزىنفىكسىيە قىلىنغاندىن كېيىن ئاندى رۇخسەت قىلماقتا.

تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، بۈگۈنگىچە 4000 ئىن ئارتۇق توخۇ ۋە ھىندى قۇشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ياۋرۇپا بىرلىكى دۆلەتلىرى تۈركىيىدىن ئۆي قۇشلىرى كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.