خىتايدا قوش زۇكىمى داۋاملىق ھالدا بايقالماقتا


2005.10.25
CHINA-BIRD-FLU-200.jpg
25-ئۆكتەبىر كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھەرلىك سەھىيە خادىملىرى قۇش زۇكىمى بايقالغان فېرمىدا. AFP

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى يەنى 19 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر فېرمىدا بايقانلغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان ئىدى. 25 - ئۆكتەبىر كۈنى، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ۋە دۇنيا ھايۋاناتلار سەھىيە تەشكىلاتى بىرلىكتە H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئەنخۈي ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئەنخۈي بىلەن خۇنەندە بايقالغانلىقىنى ئېتراپ قىلغىنى بىلەن، مەزكۈر كېسەل ۋىرۇسىنىڭ قاچان ۋە قايسى جايدا قانداق تارقالغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن.

ب د ت: ئاساسىي كۈچنى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سەرپ قىلىش كېرەك

بۇ يىلدىن بۇيان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قۇش زۇكىمى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولۇپ، H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمىنىڭ دۇنيا خەلقىغە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. گەرچە H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى رۇسىيە، رومىنىيە، فرانسىيە، تۈركىيە قاتارلىق قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىمۇ بايقالغان بولسىمۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنىلا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى "H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ئاساسى كۈچنى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سەرپ قىلىش كېرەك. " دەپ تەكىتلىمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا، H5N1 تىپلىق ۋىرۇس تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۆي قۇشلىرى 140 مىليونغا يەتكەن ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 10 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.

ئادەملەرگىمۇ يۇققان

H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى پەقەت قۇشلاردىلا بولۇپ قالماي، ئادەمگىمۇ يۇققان. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر كېسەل تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ئادەملەر سانى 61 گە يەتكەن.

كۆپلىگەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرى قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، جىددى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. مەسىلەن گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆي قۇشلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى پۈتۈنلەي توختاتقان ھەتتا ئادەملەر بېرىپ كېلىپ تۇرىدىغان ئوچۇق رايونلاردا، بېقىمچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.

خىتاي ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى چاۋ چىن ياۋ پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، خىتايدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر تېخى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى "ئەگەر خىتايدا H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئادەمگە يۇققانلىقى گۇمان قىلىنىدىكەن، بىز ئۇنى دەرھال ئايرىپ داۋالايمىز. ئەگەر بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن -ئادەمگە يۇقىدىغانلىقى بايقىلىدىكەن، چېگرىنى ئېتىۋېتىمىز" دەپ بىلدۈرگەن.

ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك دورا يوق

ئامېرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ زۇڭيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر تېخى H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى داۋالايدىغان دورا بولمىغانلىقتىن، ئايرىپ داۋالاش ۋە چېگرىنى ئېتىش دېگەندەك چارىلار مەزكۇر كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى بىردىن - بىر ئامال بولۇپ قالغان.

يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى فىڭ لىلىمۇ "چېگرىنى ئېتىۋېتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىن - بىر ئامال" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە "ھازىرقى بۇ خىل ئەھۋال ئادەمنى ھەقىقەتەن جىددىلەشتۇرىدۇ، چۈنكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر نورمالدا 25 يىلدا ياكى 100 يىلدا بىر تارقىلىدۇ. 1918 - يىلى ئىسپانىيىدە يۇقۇملۇق زۇكام يەنى يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى تارقالغان. ھازىر 100 يىلغا يېتىپ قالدى. " دەپ بىلدۈردى:

H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى تارقىلىش خاراكتىردىكى زۇكام بولۇپ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، كۆپلىگەن ئاسىيا دۆلەتلىرىدا بايقالغان ھەمدە ئادەملەرگە يۇقۇش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلگەن.

مەسىلەن ۋېيتنام ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە جەمى 60 ئادەم مەزكۇر كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلگەن. پروفېسسور فىڭ لىلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمىنىڭ دەسلەپتە قىڭخەي ئۆلكىسىدە بايقالغانلىقىنى يوشۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن "پەن ۋە تېخنىكا" ناملىق زورنالدا بۇ ھەقتە ئىلمى ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يوشۇرالماي قالغان. ئۇ سۆزىدە " خىتاي ھۆكۈمىتى چىڭخەيدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن تولۇق خەۋەردار بولغۇچىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دېمەك ئۇلارنىڭ مەزكۇر كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرلارنى يوشۇرماقچى بولغانلىقى ناھايىتى ئېنىق" دەپ كۆرسەتكەن.

يېقىندا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش جەريانىدىكى ھەقىقى ئەھۋاللارنى داۋاملىق ھالدا مەلۇم قىلىپ تۇرىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.