دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى بايقالغان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ھەققىدە خىتاينى تەنقىدلىدى


2006.11.03

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى مەسىلىسى ھەققىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىدلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىرخىل "فۇجيەن H5N1"دەپ ئاتالغان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا بىر يىلدىن ئاشقان. لېكىن خىتاي دائىرلىرى بۇ خىل قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنى يوشۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلمىغان.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانا مەسئۇلى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"ئاتالمىش بىرخىل 'فۇجيەن H5N1' ناملىق بۇ خىل قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان ھەمدە بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى چوڭىيىشقا باشلىغان. بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىر قىسىم تەتقىقات دوكلاتلىرىدىن سېزىۋالغىلى بولىدۇ. بىز خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلاردا بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ماتېرىياللارنىڭ بارلىقىنى كېسىپ ئېيتالمىساقمۇ، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدا ھايۋاناتلارنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش سېستىمسى بارلىقىنى بىلىمىز. ئۇلار بۇ خىل نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق بۇ خىل قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن بايقاپ بولغان. بىز بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىلا خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن بۇ خىل ۋىرۇس ئۈلگىسىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق، لېكىن ئۇلار تا ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بىز بىلەن ئالاقىلاشمىدى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى خالىمىدى. بىز يەنىلا خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئۇلارنىڭ نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇ خىل تەكشۈرۈش سىستېمىسى يېڭى تۈردىكى كېسەل مىكروبىنى بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تەكشۈرۈش كۈچىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك ".

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بۇ باياناتچىسى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرلىرىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن كېسەل ۋىرۇسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى يوشۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن ھەيران ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

"مەن خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستېرلىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىز دىن كېسەل مىكروبىنىڭ بارلىقىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيۋاتىمەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بىز بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پەقەت دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھايۋاناتلار سەھىيە بۆلۈمى بىلەنمۇ بىۋاستە سۆھبەتتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق قىلغاندىلا دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان چۈشەنچىسى ئېنىق بولۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولالايدۇ ".

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى مەسىلىسىدە، 2004 ‏- يىلىدىن بۇيان، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلاشمىغان. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، "فۇجيەن H5N1"ناملىق بۇ خىل قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ھازىرنىڭ ئۆزىدە خوڭكوڭ، لائۇس، مالايشىيا ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقىلىپ بولغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىنتايىن ھۇشيار بولۇپ، بۇ خىل قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلماقتا. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.