ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نېمە ئۈچۈن خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون بولۇپ قالدى؟

0:00 / 0:00
CHINA_HEALTH_FLU.jpg
17-نويابىر كۈنى، سەھىيە خادىملىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر يۇقۇملانغان توخۇ فېرمىسىدا . AFP

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى بەشتۆپە يېزىسىدا ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى، شىمالى ۋە شەرقىدىكى جايلاردا بايقالغان ئومۇميۈزلۈك مەسىلە بولۇپ قالدى.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 24 - نويابىر كۈنى كۈنەسنىڭ بەشتۆپە يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ 300 دەك توخۇسى H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئىنتېرنېت تورىدا، "دۆلەتلىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى" دەپ تەكىتلىگەن ۋە بەشتۆپە يېزىسىنىڭ 3 كىلومېتىر ئەتراپىدا ياشايدىغان بىر مىليون 800 مىڭ توخۇ ۋە ئۆي قۇشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى نېمە ئۈچۈن بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلغانلىقىنى ئىزاھلىمىغان.

دېھقانلارنىڭ نەزىرىدىكى "كىچىك ھادىسە"

بەشتۆپە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان پۇقرالار قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ۋىرۇسنى بەشتۆپە ۋە ئۇنىڭ 3 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى رايونلارغىلا تارقالغان "كىچىك ھادىسە" دەپ قارايدىكەن.

بەشتۆپە يېزىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك فېرمىسىدا ئىشلەيدىغان خىتاي كۆچمىنى مۇخبىرىمىزغا قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقالغانلىقىنى " ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئاڭلىدىم. ھازىر چوڭ بىر مەسىلە يوق، ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ ئەمەس، 3 كىلومېتىر دائىرىدىكى بىر پارچە يەردىلا بايقىلىپتۇ،" دەيدۇ.

قۇش زۇكىمى ئەڭ كۆپ بايقالغان رايون

قۇش زۇكام ۋىرۇسى بۇ يىل كىرگەندىن بېرى، خىتاي بويىچە ئەنخۇي، خۇنەن، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكە - ئاپتونوم رايوندىكى 30 جايدا بايقالغان بولۇپ، بۇ قېتىم كۈنەس ناھىيىسىنىڭ بەشتۆپە يېزىسىدا بايقالغاندىن كېيىن، خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جايلارنىڭ 3 تىن بىر قىسىمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نېمە ئۈچۈن خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون بولۇپ قالىدۇ ؟ ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى روزۋېلت دوختۇرخانىسىنىڭ تىببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىننىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەھۋال ياۋا قۇشلارنىڭ كۆچۈش لىنىيىسى ۋە رايوننىڭ ھاۋا كىلىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

CHINA-HEALTH-FLU-42.jpg

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە خوتەن، پوسكام، ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى، ئۈرۈمچى ناھىيىسى، مىچۈئەن، داۋانچىڭ، پىچان، تۇرپاننىڭ يار يېزىسى ۋە كۈنەس قاتارلىق جايلىرىدا بايقالغان ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كىشىلەرنى خاتىرجەم بولۇشقا ئۈندىمەكتە. خىتاي سەھىيە مىنىستىرى گاۋ چياڭ چارشەنبە كۈنى، " جۇڭگو قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئادەملەرگە تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ۋە بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە،" دەيدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بولسا خىتاينى ۋىرۇس توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. دوكتور مۇھەممەت ئىمىننىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋىرۇسنىڭ ئىرسىي ئۆزگىرىش ياساپ، ئادەمدىن ئادەمگە تارقىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى خەۋەرنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلدىكى سارس كېسىلىنى يوشۇرۇش تراگېدىيىسىدىن كېيىن، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسنى يۇشۇرغانلىقىنى رەت قىلدى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرى گاۋ چياڭ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، " جۇڭگودا قۇش زۇكام ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى،"دەيدۇ. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، گاۋ چياڭ " بىز قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان زامان ئاشكارا ئېلان قىلىۋاتىمىز ۋە كىشىلەرنى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىۋاتىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.

كۈنەس ناھىيىلىك سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار " خېلى بۇرۇنلا قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدە رادىئو - تېلېۋىزورلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان " ئەمما ئۇ، بۇ قېتىم بەشتۆپە يېزىسىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بۇ خانىم، " خەۋەر بۆلۈمىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىشلىرى توغرىسىدا سىزگە ھېچنېمە، دەپ بېرەلمەيمەن،" دېدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بىر ئەمەلدارى، رادىئومىز مۇخبىرىغا رايوندا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقى پاش بولۇپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنگەن ئىدى. بۇ ئەمەلدار، قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ، " بۇ تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئىچكى ئەھۋاللار تۇرسا قانداق پاش بولۇپ قالدى؟ بىرەرسى ئاشكارىلاپ قويغان ئوخشايدۇ- دە،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)