پىچاندا يېڭىدىن قۇش زۇكام كېسىلى بايقالدى
2005.11.29
22- نويابىر كۈنى پىچاننىڭ شەھەر ئىچىدىكى بىر قىسىم فېرمىلاردا 200 دىن ئوشۇق ئۆي قۇشلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، 25- نويابىر كۈنى مۇناسىۋەتلىك ھايۋانلارنى داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە بۇ قۇشلارنىڭ قۇش زۇكىمى كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.
خالىغانچە سىرتقا ئېيتىشقا بولمايدىغان ئۇچۇرلار
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن پىچان ناھىيىلىك ھايۋانلارنى داۋالاش پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان پونكىت مەسئۇلى گاۋ چاۋفېڭنىڭ ئايالى بىزگە، گاۋنىڭ 3-4 كۈندىن بۇيان ئۆيگە كەلمەي، كارانتىن قىلىنغان رايونلاردا قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىز گاۋنىڭ يانفونىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما ئۇ بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ يۇقىرىنىڭ بۇ ھەقتە بۇيرۇقى بارلىقىنى، ئۇچۇرلارنى خالىغانچە سىرتقا ئېيتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن ئىگىلىشىمىزنى ئېيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىگە ھەتتا خىتاينىڭ سەھىيە ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن بۇ يەردىكى خادىملارنىڭ ھەممىسىلا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا پەقەت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بىر نېمە دېيىش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى.
20 مىندىڭ ئارتۇق قۇش ئۆلتۈرۈلگەن
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھازىر پىچاندا قۇش زۇكىمى بايقالغان جايدىن 3 كىلومېتىر يىراقلىققىچە بولغان رايونلاردىكى بارلىق ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرگەن. تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى، ئۆزىنىڭ پىچاندا قۇش زۇكىمى بايقالغان فېرمىغا يېقىن جايدا تۇرىدىغانلىقىنى، ھازىرغىچە بۇ يەردە 20 مىڭدىن ئوشۇق ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
- كېسەل تارالغان رايون ھازىر پۈتۈنلەي كارانتىن قىلىندى. -سىزنىڭچە، ھازىرغىچە قانچىلىك ئۆي قۇشى ئۆلتۈرۈلۈپ بولغاندۇ؟ - 22 مىڭ...ئىشقىلىپ 20 مىڭدىن ئاشىدۇ. - فېرما ئىگىلىرى قانداق قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلارغا ھەق بېرىلدىمۇ؟ - ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بار ئىكەن. شۇ بويىچە ھەر بىر توخۇغا 10 يۈئەندىن بېرىپتۇ. -ئۇلار بۇنىڭغا رازىمۇ؟ -ئاساسىي جەھەتتىن رازى.
ئەمەلىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىدۇ
ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى قۇش زۇكام ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال رايونلىرىدا بىر ئاينىڭ ئىچىدىلا 8 يەردە قۇش زۇكام كېسىلى بايقالدى. مۇشۇنداق جىددىي بىر ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى سىرتقا ئاشكارىلاشتىن شۇنچىلىك قورقىدۇ؟ بۇ ھەقتە توختالغان مالايشىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇرات ئەپەندىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى سىياسىي ۋە ياكى تەبىي ۋەقە بولسۇن چەكلەيدىغانلقىنى، ئەمەلىيەتنى خەلققە ئوچۇق دىيىشتىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇرات ئەپەندىم يەنە، ئىنسانلارنىڭ تەن-ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇنداق ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشنىڭ خەلققە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگىمۇ پايدىسىز بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سەيشەنبە كۈنى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان قۇش زۇكام ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، بۇ كېسەل ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يوڭجوۋ شەھىرىدىمۇ بايقالغان. شۇنداق بولغاندا 10- ئايدىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە خىتاينىڭ 20 نەچچە يېرىدە قۇش زۇكام كېسىلى تارالغان. شۇنداقلا خىتايدا بۇ يىل 3 كىشىنىڭ قۇش زۇكىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككىسى ئۆلۈپ كەتكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە يېڭى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋاللىرى بايقالدى
- خىتاي دائىرىلىرى قۇش زۇكىمى ھەققىدىكى بىر قىسىم مەخپىيەتلىكلەرنى يەنىلا يوشۇرماقتا
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدا قۇش زۇكىمى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى
- ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى: قۇش زۇكىمى ئاسىياغا 300 مىليارد دوللار زىيان سېلىشى مۇمكىن
- خىتايدا قوش زۇكىمى داۋاملىق ھالدا بايقالماقتا
- خىتايدا قوش زۇكىمى يەنە بىر قېتىم بايقالدى
- قۇش زۇكىمىنىڭ دۇنيادا جىددى كېڭىيىشى كانادانى ئەندىشىگە سالماقتا