خىتاي دائىرىلىرى قۇش زۇكىمى ھەققىدىكى بىر قىسىم مەخپىيەتلىكلەرنى يەنىلا يوشۇرماقتا
2005.11.22
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندا خىتايغا بېرىپ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئادەملەرگە يۇققان ياكى يۇقمىغانلىقى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېسەل ۋىرۇسىنىڭ ھەقىقەتەن ئادەمگە يۇققانلىقىغا مەجبۇرىي ئىقرار بولغان. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەزكۇر كېسەل ۋىرۇس نۇسخىسىنى مۇتەخەسسىسلەرگە ئاشكارىلاشنى خالىمىغان.
مەسۇلىيەتسىزلىك
ھازىر خىتايدىكى قۇش زۇكىمى پەقەت خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوسكام، خوتەن، سانجى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدىمۇ تارقىلىشقا باشلىغان. يېقىندىن بۇيان مەزكۇر كېسەل ۋىرۇسى خۇنەن، ئەنخۈي دېگەندەك جايلاردىن باشقا يەنە، لياۋنىڭدىمۇ ناھايىتى ئېغىر ھالەتتە يامرىغان بولۇپ، پاجىئەلىك ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان.
18 - نويابىر كۈنى ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان "ئۇلۇغ را" گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، لياۋنىڭدا تارقالغان قۇش زۇكىمى ناھايىتى ئېغىر ھالەتكە يەتكەن ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پارىخورلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن 77 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ پاجىئەلىك ۋەقەنى يوشۇرۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇلار ھەتتا مەزكۇر ۋەقە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئادەملەرنى پۇلغا سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىماقچى بولغان. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەزكۇر پاجىئەلىك ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ھەقىقەتنى ئىنتېرنېت تور بېتى ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئاشكارىلىۋەتكەن. بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان ۋىن جيا باۋ يېقىندا مەزكۇر رايونغا 40 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى ئەۋەتىپ، كېسەل تارقالغان رايوننى ھەربىي ھالەتتە باشقۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقمۇ قۇش زۇكىمىنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ كېتىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
خەلقنىڭ قورقۇنچى
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كەلگەن تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە كىشىلەر قۇش زۇكىمى تۈپەيلىدىن توخو گۆشى يېمەيدىغان ھەتتا توخونىڭ تۇخۇمىنى يىيىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ كەتكەن.
ھازىرغا قەدەر خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي، خۇنەن، ئەنخۈي، لياۋنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا بايقالغان. لېكىن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تەكىتلىشىچە خىتايدىكى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى پەقەت يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن جايلاردىلا ئەمەس بەلكى جياڭسۇ، سىچۇئەن، فۇ جيەن، گۇئاڭدۇڭ ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردىمۇ تارقىلىشقا باشلىغان.
بىز، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى بىر ئۇيغۇر خانىم، مەزكۇر جايدىكى توخو قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئۆي - ئۆيلەپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ھازىرغا قەدەر تېخى قۇش زۇكىمىنىڭ مەزكۇر جايدا ئادەملەرگە يۇققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
"ئۆلگەن قۇشلارنىنىڭ ھەممىسى قۇش زۇكىمىدىن ئۆلگەن بولىشى ناتايىن"
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىددىي چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەتتا بۇ ھەقتە مەخسۇس 24 سائەت ئۇچۇر ئىگىلەش ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئاچقان.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئۇچۇر ئىگىلەش مەركىزىدىكى بىر خادىم قۇش زۇكىمى تۈپەيلىدىن مەزكۇر ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسىگە تېلېفون قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ "بىزگە تېلېفون قىلغۇچىلار ئاساسەن ئادەتتىكى پۇقرالار بولۇپ، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئۆلۈپ قالغان توخو ۋە كەپتەرلىرى ھەققىدە بىزنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. لېكىن ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشى نورمال بىر ئىش، ئۆلۈۋاتقان ئۆي قۇشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇش زۇكىمى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن دەپ قارىغىلى بولمايدۇ" دەپ بىلدۈردى.
مەزكۇر ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېغىر تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن ئېچىلغان. لېكىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىدارە خادىمى مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قۇش زۇكىمى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ "بۇنداق سۇئاللارنى مەندىن سورىماڭ، چۈنكى باشلىقنىڭ رۇخسىتىسىز مەن بۇ ھەقتە ئۆز بىلگىنىمچە سۆزلىسەم بولمايدۇ، سىز ئەڭ ياخشىسى باشلىقىمىزدىن سوراڭ، نېمىنىڭ دېيىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى باشلىق ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتە پەقەت باشلىقلارنىڭلا ھوقوقى بار" دېدى.
"پارتكومنىڭ تەلىپى"
بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، مەزكۇر ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلدۇق. لېكىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدارە باشلىقى ئوخشاشلا ئۆزىنى قاچۇرۇپ "بىزنىڭ تۈزۈمىمىز بار، شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەلىپى بويىچە، بىز خالىغانچە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلساق بولمايدۇ.شۇڭا سىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋالنى شەھەرلىك تەشۋىقات ئورگانى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈڭ " دېدى.
مۇخبىرىمىز ئۇنىڭدىن "قۇش زۇكىمىنىڭ ئۈرۈمچىدە بايقالغانلىقى ئوچۇق - ئاشكارا بولغان بىر ئىش تۇرسا، يوشۇرۇش كەتمەيدىغۇ" دەپ سورىغىنىدا، مەزكۇر ئىدارە باشلىقى "ئاشكارىلاشقا بولىدىغان ئىشنى شەھەرلىك تەشۋىقات ئورنى ئۆزى سىلەرگە ئاشكارىلايدۇ. لېكىن بىز دېسەك بولمايدۇ، بۇ بولسىمۇ شەھەرلىك پارتكوم بۆلۈمىنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى " دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ۋىرۇس نۇسخىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنداق قىلىش مەزكۇر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زور توسالغۇ بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدا قۇش زۇكىمى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى
- ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى: قۇش زۇكىمى ئاسىياغا 300 مىليارد دوللار زىيان سېلىشى مۇمكىن
- خىتايدا قوش زۇكىمى داۋاملىق ھالدا بايقالماقتا
- خىتايدا قوش زۇكىمى يەنە بىر قېتىم بايقالدى
- قۇش زۇكىمىنىڭ دۇنيادا جىددى كېڭىيىشى كانادانى ئەندىشىگە سالماقتا
- تۈركىيىدە بايقالغان قۇش زۇكىمىنىڭ H5N1 تىپلىق ۋىرۇس ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى
- تۈركىيىدىكى قۇش زۇكىمى بايقالغان يېزا كارانتىن قىلىندى