
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىچۈئەن شەھىرىنىڭ ياڭ ماۋگۇڭ يېزىسى نيۇجۇئاڭزى كەنتىدىكى بىر ئۆي قۇشى فېرمىسىدا 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 2000 دىن ئارتۇق قۇش ئۆلگەن. خىتاي دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسى چارشەنبە كۈنى بۇ قۇشلارنىڭ ئەجەللىك ھ5ن1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.
ھەممىگە ئاشكارە ئىچكى ئۇچۇر
مىچۈئەندىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋاللىرىنى بىرىنچى قول ئىگىلەشكە مەسئۇل بولغان ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىزمەتچى خادىم مىچۈئەندە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغانلىق خەۋىرىنى " ئىچكى ئۇچۇر" دەپ بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" سىز مىچۈئەندە قۇش زۇكىمى بولغانلىقىنى قانداق ئۇقتىڭىز. بۇ خەۋەر تېخى ئېلان قىلىنمىغان تۇرسا، بۇنى ئىچكىي قىسىمدا بىرسى ئاشكارىلاپ قويۇپتۇ - دە، مىچۈئەندىكى تارقىلىش ئەھۋالىنى دۆلەت بىر تۇتاش ئېلان قىلىشى مۇمكىن. مەن بۇ ھەقتە بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيمەن".
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بولسا خەۋىرىدە ، ئۇلارنىڭ قۇش زۇكىمى تارقالغان رايونغا نۆۋەتتە مۇتەخەسسىئىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق دائىرىلىرى بولسا قۇش زۇكىمى تارقالغان جاينىڭ 3 كىلومېتىر ئەتراپىغىچە بولغان جايلاردىكى 84 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدە قۇش زۇكىمى كۆپ بايقىلىۋاتقان بولۇپ، مىچۈئەندىكى يېڭى بايقالغان قۇش زۇكىمى تارقىلىش ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن ئايدىن بېرى بايقالغان 6 - قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ. تېخى سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنىڭ داۋانچىڭ بازىرىدىكى بىر فېرمىدا 38 قۇشنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
"تارقىلىش ئەھۋالى تېخى كىچىك دەرىجىدە"
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدىكى يۇقىرىقى خادىم، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن قۇش زۇكىمى تارقىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ كىچىك دائىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بۇ يەردە يۈز بەرگەن تارقىلىش ئەھۋاللىرى ئاساسەن كىچىك دائىرىدە، ئۆيلەردىكى كىچىك فېرمىلاردا كۆرۈلدى. ئەتراپقا تارىلىش ئەھۋاللىرى بايقالمىدى. بىزمۇ جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىپ، كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن ھامان قۇشلارنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق".
ئۇ يەنە،"قۇش زۇكىمىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش ئېھتىماللىقى ھازىرچە تۆۋەن بولغاچقا، ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، كەڭ كۆلەمدە تارقالغان تەغدىردىمۇ، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا تولۇق تەييارلىقى بار" دەپ بىلدۈردى.
قۇش زۇكىمى ۋە ئۇنىڭ تەھدىتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى خۇ زۇڭيى ئەپەندى، خىتاينىڭ قۇش زۇكىمىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنى كونترول قىلىش تەييارلىقىنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكىگە ئىككى تەرەپتىن قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى:
"ھازىر قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشى ئاساسەن قۇشلار ئارىسىدا. ئۇ ئادەتتە ئادەملەرگە يۇقمايدۇ. بىراق ئادەملەرگە يۇققان ھامان ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ھازىر بۇ كېسەل پەقەت كېسەل تەگكەن قۇشلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغان كىشىلەرگە يۇقتى. ئەمما ھازىر قۇرقىۋاتقىنىمىز، بۇ ۋىرۇس ئەگەر ئادەملەر ئارىسىدا يۇقىدىغان ۋىرۇسقا ئايلانسا، ئۇ ھالدا ئاقىۋەت ئىنتايىن قۇرقۇنچلۇق، پەقەت قۇشلار ئارىسىدىلا تارقالغان قۇش زۇكىمىنى كونترول قىلىشتا تەييارلىقىمىز بار دېسە، ئۇ ھالدا مۇمكىن. ئەمما بۇ ۋىرۇس ئۆزگىرىپ ئادەملەر ئارىسىدا يۇقىدىغان بولسا، ئۇنى كونترول قىلماق ئاسان ئىش ئەمەس".
ئەمما خۇ زۇڭيى ئەپەندى، پۇقرالارنىڭ چوقۇم ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى:
" گۆشنى ياخشى پىشۇرغاندا كېسەل ۋىروسىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. كېسەللىك كۆپ ھاللاردا گۆش يىيىشتىن يۇقمايدۇ، ئەمما گۆشنى تازىلاش، پىشۇرۇش قاتارلىق جەريانلاردا ھەر زامان يۇقىشى مۇمكىن. ھازىر خەتەرلىك بولىۋاتقىنى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ئادەملەرگە يۇقالايدىغان ۋىرۇسقا ئايلىنىپ بولدى. بۇ ۋىرۇسنىڭ ئالاھىدىلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەگەر بۇ ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بىلەن بىرىكىپ قالسا، ئۇ ھالدا تولىمۇ خەتەرلىك. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى بولمىغاچقا، كىشىلەر چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى، ئۆز بەدىنىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك".
خىتاي ھۆكۈمىتى يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە قۇش زۇكىمىنى كونترول قىلىش شوئارىنى ئۈنلۈك توۋلىماقتا. خىتايدا كونتروللۇق كۈچلۈك بولغاچقا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن قۇش زۇكىمىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلسە، قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالىشى مۇمكىن. بىراق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يولدا ھەقىقەتەن بەلنى چىڭ باغلىغان- باغلىمىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىش كېرەك.
ھازىرغىچە خىتايدىكى 20 نەچچە ئورۇندا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقىلىپ بولدى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى يەنە ئەنخۈي ئۆلكىسىدە بىر كىشىنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا يەنىمۇ كۆپ قۇش زۇكام ۋىرۇسلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار . شۇڭا ئادەملەرنىڭمۇ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن.
قۇش زۇكىمى ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپلىك بولۇپلا قالماي، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، قۇش زۇكىمى كەڭ تارقالسا، خىتايغا 87 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. (ئارزۇ)