دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدا قۇش زۇكىمى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى


2005.11.15

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 6 نەپەر مۇتەخەسسىستىن تەركىپ تاپقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 14 - نويابىر كۈنى خۇنەنگە بېرىپ، يېقىندىن بۇيان ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن 3 قېتىملىق قۇش زۇكىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ھەققىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولدى.

مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خۇنەندە تۇرۇشلۇق ۋاقتى تەخمىنەن بىر ھەپتە بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر يەرلىك سەھىيە خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ گۇمانلىق دىلونى ئىنىقلىماقچى بولدى.

سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش پىلانى

بۇ يىل ئۆكتەبىردە خۇنەننىڭ شياڭتەن ناھىيىسىدىكى توخۇلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن قۇش زۇكىمى ۋەقەسىدە، 12 ياشلىق خې فامىلىلىك بىر قىز كېسەل تەككەن توخونى يېگەنلىكتىن 13 - ئۆكتەبىر كۈنى تۇيۇقسىز قىزىتمىسى ئۆرلەپ، نەپسى قىسىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ 9 ياشلىق ئۇكىسىدىمۇ ئوخشاش كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇ 25 كۈن بېسىپ داۋالانغاندىن كېيىن، 12 - نويابىر كۈنى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. بۇلاردىن باشقا يەنە 36 ياشلىق سۇڭ فامىلىلىك بىر ئوقۇتقۇچىمۇ ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 15 - نويابىر كۈنىدىن 16 - نويابىر كۈنىگىچە خې فامىلىلىك ئاچا - ئىنى داۋالانغان خۇنەن ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنى ۋە قۇش زۇكىمى تارقالغان ۋەن تاڭچۈن كەنتىنى زىيارەت قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك ھەققىدە چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى ھەمدە شياڭتەن شەھىرى ۋە شياڭتەن ناھىيىلىك سەھىيە ئورگانلىرىغا بېرىپ، سۇڭ فامىلىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ كېسەل ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى.

بۇندىن ئىلگىرى خىتاي دائىرلىرى، كېسەل توخۇنى يىگەنلىكتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان 12 ياشلىق خې فامىلىلىك خۇنەنلىك قىزنى "قۇش زۇكىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆپكە كېسىلىدىن ئۆلگەن" دەپ جاكارلىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ قىزنىڭ نېمە سەۋەبدىن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى شۇنداقلا بۇھەقتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تولۇق ئىسپات يەتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان يەنى 12 ياشلىق بۇ قىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبلەر ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلاجىسىز قالدى

ئامېرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ زۇڭيى ئەپەندى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن بۇ قىزنىڭ كېسەل ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ "كېسەل يۈز بەرگەن جاي ۋە كېسەل ئالامىتىگە قارىغاندا، ئۇ قىزنى قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىش يوللۇق. لېكىن مەيلى راست قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى. ھازىر بولسا قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان دېگەنلەر سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىش چوڭىيىشقا باشلىغاچقا، ئىلاجىسىز ھالەتتە قېلىپ، 'ياق' دېيەلمەس بولۇپ قالدى" دەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلماي يوشۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ چارىلەرنى قوللانماقتا

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ 23 ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە، قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەردە 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇچۇر بېرىش ئورگانلىرى قۇرۇلغان شۇنداقلا ھۆكۈمەت ھەممە ئۆلكىلەرگە مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ۋاكسىنا ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش بويۇملىرىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ زۇڭيى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر قۇش زۇكىمىنى داۋالاش دورىسى بولمىغانلىقتىن، بىردىن - بىر ئەڭ ئۈنۈملۈك ئامال يەنىلا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەلنى كونترول قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ھازىر خۇنەندىكى قۇش زۇكىمى پەقەت توخۇدىلا ئەمەس، بەلكى چوشقىلاردىمۇ بايقالغان بولۇپ، مەزكۇر كېسەل ۋىرۇسى ئىنسانلارغا زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.

قۇش زۇكىمى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوج بۇش دۇنيادا تۇنجى قېتىم قۇش زۇكىمى ۋاكسىنىنى ئىشلەپ چىققان شۋىتسارىيە دورا شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.