10يىللار ئىلگىرى بىر قانچە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا ئايلانما يولغا قۇرۇلغان قۇشخانا ، كۈنىگە 12، 13مىڭ قوي كالا سويۇلىدىغان ، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانچە گۆش بازىرى بولۇپ كەلگەن .نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۈر قۇشخانىنى تاقاپ ، بۇ جايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى شىسەنگە خۇالىڭ گۇروھى يېڭىدىن قۇرغان قۇشخانىغا بېرىشقا دەۋەت قىلماقتا .
شەندوڭلۇق سودىگەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان خۇالىڭ گۇروھى سودا تور بېتىدىن ئاشكارلىنىشىچە ، شىسەندە -30سىنتەبىر رەسمى تىجارەت باشلاشنى پىلان قىلغان بۇ يېڭى قۇشخانا ، گەرچە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن مۇھىت قوغداش، تازىلىق ئۆلچەملىرىگە لايىق دەپ باھا بېرىلگەن بولسىمۇ ،ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى بىلەن ئارىلىقى يىراق بولغاندىن سىرت ، دائىرىسىمۇ تاقالماقچى بولغان مۇسۇلمانچە قۇشخانىدىن كۆپ كىچىك ئىكەن . يەنى ئالدىنقىسىدا 3000چە قاسساپ دۇكىنى تىجارەت قىلىۋاتقان بولسا ، شىسەندىكىسىدە 600دۇكان بار ئىكەن .
ئۇنداقتا ئوتتۇرا ئايلانما يول قۇشخانىسى تاقالغاندىن كېيىن بۇ جايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق دۇكاندىكىلەر قايەردە تىجارەت قىلىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ تىجارەت ، تۇرالغۇ ، ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى كىم ھەل قىلىدۇ ؟
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە جاۋاپ ئېلىش ئۈچۈن بىز تاقالغان قۇشخانىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر تىجارەتچىنى تېلىفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق ، بۇ قۇشخانىدا 10 يىلدىن بۇيان تىجارەت قىلىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ، بۇ قۇشخانىدىن كېتىشكە كۆزى قىيمايۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆز مۇخبىرىمىز گۇلچېھرەنىڭ بىر قانچە ئۇيغۇر ئاممىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن تۆۋەندىكى سۆھبىتىگە دىققەت قىلىڭ.