سابىق چېخ پرېزىدېنتى پۈتۈن جەمئىيەتنى "دىكتاتور" ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى
2005.06.01
سابىق چېخ پېرىزىدېنتى خاۋىل، 1990 - يىلى چېخوسلىۋاكېيىنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتتىن قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە چىقىشىغا يىتەكچىلىك قىلغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا 24 - ماي كۈنى سۆزلىگەن نۇتۇقىدا خىتاي، شىمالىي كورىيە، كۇبا ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى دېموكراتىيىگە ئىشەنچ باغلاپ، زوراۋان دىكتاتورلارغا قارشىلىقىنى تىنچلىق بىلەن ئىپادىلىگەن كىشىلەرنى مەدھىيلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" كىشىلىك ھوقۇق خىتايغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەردە يەنىلا قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەر پەقەت ئوخشاش بولمىغان كۆز- قاراشقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ھۆكۈمەتنىڭ دۈشمىنى قارىلىپ، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامىلىۋاتىدۇ".
چېخ جەمئىيىتىدە تەسىرى زور شەخس
ۋەكلاۋ خاۋىل 1936 - يىلى چېخسىلوۋاگىيىدىكى بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ مەجبۇرىي مائارىپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىلمى بويىچە يۇقىرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش تەلىپى سىياسىي سەۋەبتىن كوممۇنىستىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. خاۋىل كېيىن تىياتىرخانىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ " باغ زىياپىتى" دېگەن تىياتىردا ئالغان رولى، 1960 - يىللىرىدىكى چېخ مەدەنىيىتىنىڭ جانلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
1975 - يىلى خاۋىل چېخ جەمئىيىتىدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ باياناتچىسىغا ئايلىنىپ، بۇ سەۋەبتىن بەش يىل تۈرمىگە تاشلانغان. چېخوسلىۋاگىيىدە 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى دېموكراتىك ئىنقىلاب يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ چېخىسلوۋاگىيە فېدېرال بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتىلىقىغا سايلانغان. كېيىن ئۇ يەنە چېخىسلوۋاگىيىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا، چېخ ۋە سىلوۋاگىيە پارچىلانغاندىن كېيىن، چېخنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان.
خاۋىل ئەپەندىنىڭ قورال چەكلىمىسى ھەققىدىكى قارىشى
خاۋىل نۇتۇقىدا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش پىلانىنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنىڭ دېموكراتىك تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە "يېڭى خەۋپ" ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خاۋىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېخىسلوۋاگىيىدە ئۆكتىچىلەر كوممۇنىست مۇستەبىت ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلاشقان مەزگىلدە، چېخ ئۆكتىچىلىرى ھۆكۈمەتتىن پەقەت دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
" ھاكىمىيەتتىكى بۇ كۈچلەر، ئۆزلىرى بېكىتكەن بەلگىلىمىلەرگە ھۆرمەت قىلىشتىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلمىغان كىشىلەرنى باستۇرۇشىنى ھەقلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. شۇڭا ھەقىقەت ئاستا- ئاستا ساقچى ۋە ئارمىيە ئۈستىدىن غالىپ كەلدى" .
ۋەكلاۋ خاۋىل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە قارشى كۆتۈرۈلگەن كىشىلەرنى چوقۇم ھەر قانداق ۋاستە بىلەن قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
غەربنىڭ ھەمكارلىقى خىتاينى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا سۆز قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خەررىي ۋۇ، خىتايدا خاۋىلنىڭ يازمىلىرىنى نەشىر قىلىش ۋە تارقىتىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خاۋىلدىن خىتاينى دېموكراتىيىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قانداق ۋاستە قوللىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە سوئال سوراپ مۇنداق دېدى:
"غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىلگىرى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئاخىرى بېرلىن تېمىنى ئۆرىگەن. بىراق بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار 'بىز خىتايغا مەبلەغ سېلىپ تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىۋاتىمىز. بۇ خىتايدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى' دەۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟ ماڭا نىسبەتەن بۇ، بىر يولۋاسنى ئوتخور ھايۋانغا ئايلاندۇرماقتىنمۇ تەس تۇيۇلىدۇ".
چېخنىڭ سابىق پرېزىدېنتى خاۋىل ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋابەن بۇنى " مۇرەككەپ بىر مەسىلە" دەپ تەسۋىرلەش بىلەن بىللە، خىتاي بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ پەقەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە غەربنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ چوقۇم ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ خاۋېل بىلەن كۆرۈشتى
- بۇش: ھەر قانداق بىر ئۈمىدلىك جەمئىيەتتە دىن ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالى ئېغىر
- ئىراقتا پارلامېنت سايلىمى جەريانىدا ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان ئىراقلىقلار قىزغىن ئاۋاز بەردى
- گېزىتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇن بار بەت يىرتىۋېتىلگەن