ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى: قۇش زۇكىمى ئاسىياغا 300 مىليارد دوللار زىيان سېلىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00
CHINA-HEALTH-FLU-28.jpg
3-نويابىر كۈنى بىر خىتاي دېھقان، بالىسى ۋە توخۇلىرى بىلەن بېيجىڭدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا. AFP

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئەگەر ئاسىياغا خەتەرلىك قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقالسا، ئۇ ھالدا خىتاي، خوڭكوڭ، سىنگاپور، مالايشىيا، تايلاندنىڭ زەربىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرايدىغان دۆلەت ۋە رايون ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئىككى خىل ئېھتىماللىق

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئەگەر قىياس قىلغان ئىككىلا خىل ئېھتىماللىق يۈز بەرگەن شارائىتتا، قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ بىر يىل ئەتراپىدا تارقىلىپ، ئاسىيادىكى ئاھالىلەرنىڭ 20% ئىنىڭ يۇقۇملىنىشى، شۇنداقلا 30 مىليون كىشىنىڭ بۇ كېسەللىكتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قىياس قىلغان بىرىنچى خىل ئېھتىماللىق، ئاسىيادا يۈز بەرگەن قۇش زۇكىمى ئالتە ئايغىچە كىشىلەرنىڭ ئىستىمال، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئازايتىپ، ئاسىيا ئىقتىسادىغا 99 مىليارد دوللاردىن كۆپ چىقىمنى سېلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى خىل ئېھتىماللىق تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، قۇش زۇكىمى بىر يىلغىچە كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىنى ئازايتىپ، 300 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەنسىرىشى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى مارىيا خانىمنىڭ ئاسىيادا كەڭ كۆلەمدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، قانچىلىك ئادەمنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۆز قىياسلىرىنى مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى:

"ئالدى بىلەن، مەن ھەر قانداق كىشىنى كېلەركى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئاپىتىدە قانچىلىك ئادەم ئۆلۈدىغانلىقىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ دەپ قارىمايمەن. بۇ مەزكۇر يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمىزنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملۇق زۇكام يۈز بەرسە، ئۆلىدىغانلار سانى 20 مىليوندىن 74 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن. بۇ ئەڭ تۆۋەن مۆلچەر، ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىمىز، H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ بىر خىل ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىدىغان ئەجەللىك ۋىرۇسقا ئايلىنىپ، دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ كېلىپ چىقىشى".

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى خىل ئېھتىماللىقى كۆزدە تۇتقاندا، قۇش زۇكىمى يەنە ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى ئازلىتىپ، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 0.3% ئازلىتىشى مۇمكىن ئىكەن . بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاسىيادىكى نامراتلىق نىسپىتىنى كۆپەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.

2003 - يىلى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ئاسىيادا تارقالغاندىن بېرى، 62 ئادەم ئۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 42 ئادەم ۋېيتنامدا ئۆلگەن ئىدى. بۇ بىمارلارنىڭ ھەممىسى كېسەل تەگكەن ئۆي قۇشلىرىدىن ۋىرۇسنى يۇقتۇرىۋالغان. مۇتەخەسسىسلەر، H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلالايدىغان ۋىرۇسقا ئايلىنىشى ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلار دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر4نى بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىرماقتا.

تەييارلىق پۇختا ئەمەس

ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقىدىكى خۇ زۇڭيى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇش زۇكۇمىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقى پۇختا ئەمەس. ناۋادا كېسەللىك پارتلىسا، ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلماق ئىنتايىن تەس. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

" ئەگەر كىسەللىك پارتلاپ قالسا، ھازىرقى ۋاستىلەر ئىنتايىن چەكلىك. چۈنكى بۇ قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ئىنتايىن ئەجەللىك، يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۆلۈش نىسپىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ھازىر بۇ كىسەل ئادەملەرگە يۇقۇپ بولدى. پەقەت ئادەملەر ئارىسىدا تارقالمىدى. ئەگەر بۇ ۋىرۇس ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىدىغان ۋىرۇسقا ئايلانسىلا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر.

ھازىرغىچە، پۈتۈن دۇنيادا 500 دىن ئارتۇق ئادەم قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلۈپ، 7000 دىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى.

بۇ ئارىدا، خىتاي ۋە ۋېتنامدا يېڭى قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ بايقالغانلىقى مەلۇم بولدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدە 9 مىڭ قۇش، قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن. خىتاي دائىرىلىرى كىسەللىكنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالىدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان كەنت ئەتراپىدىكى 300 مىڭدىن قۇشنى ئۆلتۈرگەن. بۇ، ئۈچ ھەپتىدە ئىچىدە خىتايدا تۆتىنچى قېتىم بايقالغان قۇش زۇكۇمى ئەھۋالى ھېسابلىنىدۇ. (ئارزۇ)