سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ چوڭ ۋەقپ بىناسى خوتەن رابات

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن رابات (ۋەقپ ئۆيى) 21- ئەسىردە سېلىنغان تۇنجى ۋەقىپ بىناسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ئۇ 1961- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئىبراھىم قارى داموللامنىڭ باشچىلىقىدا سېلىنغان رابات بولۇپ، 2005- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ياردىمى بىلەن 6 قەۋەتلىك قىلىپ، يېڭى زامانغا لايىق شەكىلدە قايتىدىن بىنا قىلىنغان. بۇ رابات ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر راباتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

خوتەن راباتتا ئۇيغۇر ھاجىلار ياتىدۇ

مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى يېڭى خوتەن راباتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا دۆلەت سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئابدۇللا دۆلەت مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن راباتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:" مەن بۇ راباتنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا دۆلەت بولىمەن. ئۆزۈم مەدىنىدە تۇغۇلغان. يۇرتىمىز خوتەننىڭ سامپۇن دېگەن يېرىدىن . بۇ رابات يېڭى سېلىنغان راباتلاردىن سانىلىدۇ. بۇ رابات 1381- ھىجرىيە (1961- مىلادىيە) يىلى سېلىنغان ئىكەن. بۇ رابات ئىبراھىم قارى داموللامنىڭ رىياسىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەمشەھەرلەردىن ئىئانە توپلاش ئارقىلىق سېلىنغان بولۇپ، رابات پۈتكەندىن كېيىن، ئىبراھىم قارى داموللام راباتقا ئۆزى مەسئۇل بولۇپ تۇرغان. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ راباتتا شەرقىي تۈركىستانلىق ئاجىز- ئۇرۇق كىشىلەر ئولتۇرغان. كېيىنچە ۋەتىنىمىزنىڭ سىرتقا چىقىش يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ھاجىلار كېلىپ ياتىدىغان بولغان.

بۇ راباتقا ئىبراھىم قارى داموللام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئابدۇلمۇقتەدىر دېگەن كىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن، دوكتور ئابدۇلەھەت تاھىر، ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇلجېلىل تاھىر مەسئۇل بولغان. 1996- يىلىدىن بېرى مەن ئابدۇللا دۆلەت بۇ راباتقا مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن."

خوتەن راباتنىڭ يېڭىدىن سېلىنىش جەريانى

ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن راباتى 1961- يىلى تۇنجى سېلىنغىنىدا 2 قەۋەتلىك قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، شۇ زامانلارغا نىسبەتەن چوڭ راباتلاردىن سانىلاتتى. چۈنكى ئۇ زامانلاردا بۇ مەملىكەتتە ھازىرقىدەك چوڭ بىنالارمۇ بارلىققا كەلمىگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان ھاجىلارمۇ يوق بىر ۋاقىت ئىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ رابات كونىراپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغان ھاجىلارنىڭ بارغانسېرى سانى كۆپىيىپ بېرىپ، بۇ رابات ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

شۇ سەۋەبتىن بۇ راباتنى يىقىتىپ تاشلاپ ئورنىغا يېڭى ۋە ھاجىلارنىڭ يېتىپ، قوپۇشى ئۈچۈن كەڭرەك بىر بىنا سېلىش قارارىغا كەلدۇق. بۇ پىكىرنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىردەك قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسكى راباتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھازىرقى 6 قەۋەتلىك بىنانى سالدۇق.

خوتەن رابات ئىككى مىليون رىيالغا پۈتۈپ چىقتى

ئابدۇللا دۆلەت يەنە مۇنداق دېدى: " مەن راباتنىڭ مەسئۇللىقىنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ راباتنى يېقىپ تاشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھەمشەھەرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭىدىن 6 قەۋەت قىلىپ سالدۇق. بۇنى سېلىپ چىقىشقا 2 مىليون سەئۇدى ئەرەبىستانى رىيالى( تەخمىنەن 550 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) كەتكەن بولدى. شۇندىن بىرى يۇرتىمىزدىن كەلگەن ھاجىلار بۇ راباتتىن ھەقسىز پايدىلىنىپ كەلمەكتە."

ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رابات سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر راباتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ چوڭ رابات بولغىنىنىڭ سىرتىدا، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىگە ئەڭ يېقىن رابات ھېسابلىنىدىكەن. بۇ راباتنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى شۇكى، بۇ راباتقا چۈشكەنلەرنىڭ خوتەنلىك بولۇپ، بولماسلىقى سۈرۈشتە قىلىنماستىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ ھەممىسىگە ھەر زامان ئوچۇق ئىكەن. پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. (توختى)