خىتاي ساقچىلار رابىيە قادىرنى " بۆلگۈنچىلەر" بىلەن ھەمكارلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان

رابىيە خانىم مۇخبىرلارغا جاۋاب بەرمەكتە.RFA
ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن، تەكلىپكە بىنائەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلماسلىق ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر شۇنداق قىلسا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، ئۇنىڭغا ئامېرىكىغا بېرىپ 18 ئاي داۋالانغاندىن كېيىن چوقۇم خىتايغا قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ تەپسىلى مەلۇماتىدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىر شەرىپىگە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇردى
- مەن ئۆزەمنى خەلقنىڭ دەپ ئاتىۋەتكەن......
- رابىيە قادىرنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىلھاملاندۇردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت